تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاسىيادا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى! بۇ مۇسابىقە شىنجاڭدا باشلاندى

     3-ئاينىڭ 21-كۈنى، «<بىر بەلباغ، بىر يول . يىپەك يولى > سەپىرى 2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا قارلىق دالا ۋالىبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» گۈزەل شىنجاڭ تىيانشان بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قىزغىن باشلاندى. 

<بىر بەلباغ، بىر يول . يىپەك يولى> سەپىرى 2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا قارلىق دالا ۋالىبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» 3-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلاندى. سۈرەتتە باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىران كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەق مەيدانى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى 

بۇ قېتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە

فىرانسىيە، ئىران، قازاقىستان ۋە جۇڭگودىكى

 10 ئەرلەر، ئاياللار كوماندىسى قاتناشتى 

بۇنىڭ ئىچىدە 

فىرانسىيە ۋە ئىراندىن كەلگەن ئىككى ئەرلەر كوماندىسى بولسا

دۆلەت كوماندىسى  

قازاقىستان ئاياللار كوماندىسى بولسا

دۆلەت ياشلار كوماندىسى 

يەتتە جۇڭگو كوماندىسى بولسا 

ئايرىم-ئايرىم ھالدا نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇل ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قازاقىستاندىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر شۇ جايدىكى ئامما بىلەن تىيانشان بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا خەلق ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىنى ھېس قىلدى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

تەكلىپ مۇسابىقىسى تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ 

ئەرلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان 

ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئالدى بىلەن گۇرۇپپا بويىچە يەككە ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ 

ئارقىدىن رەت تەرتىپىگە ئاساسەن قايچىلاشما شاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ

     

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، فىرانسىيە كوماندىسى ماھىرلىرى بىلەن ئىران كوماندىسى ماھىرلىرى مۇسابىقىدە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

شۇ كۈندىكى باشلىنىش مۇراسابىقىسىدە 

   ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئىران كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى 

مۇسابىقىدە

ئىران كوماندىسى كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى 

نەق مەيداندىكى ھەر قېتىملىق توپ باشلاش، توپكا ئۇرۇش ۋە سېتكا توسۇشتا ئېرىشكەن نومۇر 

تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 

ئاخىرىدا 

ئۇلار 2:0 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 

«تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى 

ئەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى نەتىجە جەدۋىلى.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى 

ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە 

ئىران كوماندىسى يەنە جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنى يېڭىپ 

 گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا غەلىبە قىلدى 

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە قۇرۇق ئايلىنىش قىلغان جۇڭگو شىنجاڭ كوماندىسىمۇ فىرانسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 

گۇرۇپپىدا تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىران كوماندىسىنىڭ ماھىرى (ئوڭدا) فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپكا ئۇرماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

ئاياللار گۇرۇپپىسىدا 

جۇڭگو شىنجاڭ 1-كوماندىسى ئالدى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ 2-كوماندىسىنى يەڭدى 

ئارقىدىن يەنە قازاقىستان كوماندىسىنى يېڭىپ 

 گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ 

ۋاقتىنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى 

جۇڭگو نىڭشيا كوماندىسى جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنى يېڭىپ 

تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى 

 ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى نەتىجە جەدۋىلى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئاياللار 1-كوماندىسىنىڭ ماھىرى قازاقىستان كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپكا ئۇرماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

«بۇ قېتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋالىبولچىلار جەمئىيىتى 

خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسىگە يوللاپ تەستىقلىتىپ ئۆتكۈزگەن

رەسمىي قارلىق دالا ۋالىبول خەلقئارا مۇسابىقىسى.

چەت ئەلنىڭ ئۈچ كوماندىسى 

ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كوماندىلىرىنى ئەۋەتتى

شۇڭا، بۇ مۇسابىقە دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي 

يەنە ئاسىيادا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن

قارلىق دالا ۋالىبول يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا مۇسابىقىسى» دېدى 

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 

پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يې خەي مۇخبىرغا. 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئەرلەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى (كۆك رەڭلىك مۇسابىقە كىيىمى كىيگەن) فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپكا ئۇرماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 

يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشىگە ئېرىشتى

مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشكىچە 

مەيدان، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، تازىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە 

ھەر تەرەپتىن قوللىدى

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى تىيانشان بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا چاي ئىچمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

   «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە سانجى ئوبلاستىنىڭ <مۇسابىقىگە ئەگىشىپ تىيانشاننى ساياھەت قىلىش> ماركىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قېتىمقى خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەم سەھنە ھازىرلاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، سودا يۇغۇرۇلۇپ ماھارەت كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ھەم مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىمىزنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، يەنە شىنجاڭ سانجىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شەھەرنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردۇق» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ تىڭتىڭ. 

   ماقالە مەنبەسى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئاخبارات رادىيوسى 

   مۇخبىر: دۇڭ لياڭ 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.