تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

قەدەمنى پۇختا، تېز ئېلىپ، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش

     يېقىندا، ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستى جياڭسۇ كەسىپلەر باغچىسىدىكى «فېيفېڭ» ئاپتوموبىل كەسپى (قىزىلسۇ ئوبلاستى) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرۇش سېخىدا ئىشچىلار توكسىكلىتلارنى جىددىي قۇراشتۇرماقتا. بۇ شىركەت بۇ يىل توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 20 مىڭدىن، مەھسۇلات قىممىتىنى 30 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، %40 توكسىكلىت ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

شيۇڭ شۈەنرەن فوتوسى

     3-ئاينىڭ 13-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى خېنەن ئۆلكىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خېنەن ئۆلكىلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى قومۇل شەھىرىگە كېلىپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قومۇل شەھىرىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن «تومۇر تۇتۇپ، دىياگنوز قويۇش»قا تەشكىللىدى. سۈرەتتە: مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى قومۇل دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىدا مېۋە-كۆكتاتلارنى تۇمانلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ساۋ شىنجيا فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.