توقسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى ئويباغ كەنتىدىكى گوپەي تاۋۇزى، كۆكتات تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى تاۋۇزلارنى سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇپ، پېلىكىنى پۇتىماقتا. بۇ بازىدا ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلار زاۋچۇنمى سورتىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەممىسى چاڭلىشىپ مېۋە تۇتۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى. گوپەي تاۋۇزى خاس تېرىقچىلىق كەسپى 2020-يىلى توقسۇ ناھىيەسىگە ماكانلاشقاندىن بۇيان، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۈنۈملۈك كۈچ قوشتى.