3-ئاينىڭ 13-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، تەخسە-تەخسە لازا مايسىسى، شوخلا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، يوپۇرماقلىرى يۇمران، سىلىق بولۇپ، زۇمرەتتەك ياپيېشىل. ھازىر، بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا 400دىن ئارتۇق زامانىۋىلاشقان كۈن نۇرى پارنىكى بار بولۇپ، شوخلا، لازا، مېيلۇڭ قوغۇنى ۋە ياڭجياۋمى قاتارلىق مېۋە-كۆكتات مايسىلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ، 2 مىليون تۈپ سېتىلىپ، 4 مىليون 500 مىڭ تۈپ زاكاز قىلىندى. (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن مىن)
خىزمەتچى خادىملار مېۋە-كۆكتات مايسىلىرىنى سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
خىزمەتچى خادىملار تەخسە-تەخسە يۇمران مايسىلارنى يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى