تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپكە تۇنجى قېتىم مېتېئورولوگىيە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىش تەستىقلاندى

​تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، شىنجاڭدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپكە تۇنجى قېتىم مېتېئورولوگىيە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىش تەستىقلانغان.

بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئۈچ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە مېتېئورولوگىيە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىش تەستىقلانغان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئەمەلىي مېتېئورولوگىيە كەسپى، قەشقەر داشۆ ئاتموسفېرا ئىلمى كەسپى، سەنشى سىفەن داشۆسى ئاتموسفېرا ئىلمى كەسپىدىن ئىبارەت.

2023-يىلى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ۋە قەشقەر داشۆنىڭ مېتېئورولوگىيە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئىككى تەرەپ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇش، مېتېئورولوگىيە كەسپى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى ئورتاق قۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەجرىبە سۇپىسى بايلىقى ۋە ماتېرىياللاردىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «زاكازلىق» تەربىيەلەش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زاپاس كۈچ يېتىشتۈرىدۇ.

شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇنجى قېتىم مېتېئورولوگىيە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىشنىڭ تەستىقلىنىشى شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. 2023-يىللىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ئاساسىي كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلگەن، قارا يامغۇر (قار)دىن ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %91كە يەتكەن، كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىگنالى 43 مىنۇت ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن؛ ئالدىن مەلۇماتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى مۇقىم ئاشقان؛ ھاۋا ئوچۇق، يامغۇر، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ماھارىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە، ئاممىنىڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.