تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانارگۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | «ياخشى ئاكام بار بولغاندىن بۇيان، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ»

​      تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

     «ياخشى ئاكام بار بولغاندىن بۇيان، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا تىرىشىمەن». 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەتئېلى مەمەتتوختى شېن جيەنخەينى بوينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، خۇشال ھالدا ئاتا-ئانىسى بىلەن سىنلىق تېلېفونلىشىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى پىلانى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

     26 ياشلىق مەمەتئېلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى يار كەنتىدىن. شېن جيەنخەينى ئۇچرىتىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئايالى گۈزەلنۇر ئابلىمىت بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلدى. 2022-يىلى، ئۇلار بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، شېن جيەنخەي بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

    44 ياشلىق شېن جيەنخەي ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى چاغانتوڭگى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇنىڭ ئۈچ كۆكتات پارنىكى بار، ئۇ يەنە «خەيتاڭ قورۇقى» دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان. «ئەينى چاغدا، مەن دېھقانلار ئارامگاھىمنى كېڭەيتىۋاتاتتىم، مەمەتئېلى مەندىن تېخنىكا ئۆگەنمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ماقۇل بولدۇم» دېدى شېن جيەنخەي.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەتئېلى بىلەن شېن جيەنخەي ئۆزلىرى بىللە پىشۇرغان خۇاجۈەننى كۆرسەتمەكتە.    مۇخبىر بەي سۇجۈن فوتوسى

    مەمەتئېلى شېن جيەنخەي بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى بىر يەردىن چىققاچقا، بىر-بىرىنى ئاكا-ئۇكا دەپ ئاتاشتى. «ئاكامنىڭ مىجەزى تۈز، ئۇ مېنى كۆپرەك تېخنىكا ئۆگىنىۋالسۇن دەپ، ماڭا تاماق ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەندە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى، لېكىن تۇرمۇشتا ماڭا بەك سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى، كۆكتات پارنىكىدىكى ساۋمېيلار ئەمدىلا قىزارغاندا، ھېچكىمگە ئۈزدۈرمەي، تۇنجىسنى چوقۇم قىزىمغا قالدۇرۇپ قوياتتى، پارنىكتىكى كۆكتاتلار ئۆسكەندە، دائىم ماڭا بىر نەچچە خالتا ئۈزۈپ ئۆيگە ئاپىرىپ يېيىشىمگە بېرەتتى» دېدى مەمەتئېلى.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەتئېلى بىلەن شېن جيەنخەي ئاشخانىنىڭ ئارقا زالىدا بىللە كۆكتات توغرىغاچ پاراڭلاشماقتا.  مۇخبىر بەي سۇجۈن فوتوسى

      مەمەتئېلى دېھقانلار ئارامگاھىغا شاگىرتلىققا كىرگەن تۇنجى ئايدا، ھەر كۈنى قىزىغا تېلېفون قىلاتتى، شېن جيەنخەي بۇنى بىلگەندىن كېيىن، باشقىلارغا مەمەتئېلىنىڭ خوتۇنى بىلەن قىزىنى ئېلىپ كېلىشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇلارغا تۇرار جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى ھەم گۈزەلنۇرنى دېھقانلار ئارامگاھىدا مۇلازىمەتچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، «بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە بولغاندىلا خاتىرجەم ئىشلەپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېدى شېن جيەنخەي.

     مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: ئايالىم بىلەن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، قاتناشقا ئىشلىتىدىغان پۇل ۋە ئاتا-ئانامغا بېرىدىغان پارچە پۇللارنى چىقىرىۋەتكەندە، تۇرمۇشىمىز غورىگىل ئۆتكەن ئىدى، ئىككىمىز تېجەشلىك بىلەن يەپ-ئىچسەكمۇ، ئامانەت قويغان پۇلىمىز 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمىگەنىدى، شېن ئاكىنىڭ ياردەم قىلغاندىن بۇيان، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. «شېن ئاكامنىڭ ئۆيىدە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى كۆپ، دائىم بىزگە كىيىم-كېچەك، ئاياغ سوۋغا قىلىدۇ، ھېيت-بايراملاردا، قىزىم يەنە ئويۇنچۇق ۋە يېڭى كىيىملەرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. تاماق، ياتاق ھەقسىز بولغاچقا، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ كۆپ قىسىم مائاشىمىز يىغىلىپ قالدى».

    «مەن ئىككى يىل ئىچىدىلا 150 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىمىز بار بولىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم». گۈزەلنۇر مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. «ئاكام بىلەن يەڭگەم بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئېرىمگە تاماق ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپلا قالماي، دۇكاندا يېتىشەلمەي قالغان ۋاقتىمىزدا، يەنە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىزگە ياردەملەشتۈرۈپ بالىمىزغا قاراپ بېرىشكە چاقىرىپ كېلىدۇ». گۈزەلنۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شېن ئاكىنى ئۇچرىتىش ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ بەختى.

    بۇلتۇر 1-ئايدا، مەمەتئېلى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىكى سۇنۇپ كەتتى، ئۇ چۈشكۈنلىشىپ ياردەمسىز قالغاندا، شېن جيەنخەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك ئەترىتى» دەل ۋاقتىدا پەيدا بولدى، ئۇلار ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىر ئايدىن كېيىن، مەمەتئېلى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

   «ھازىر مەن ئېتەلەيدىغان تاماقلارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى، تېخنىكاممۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شېن ئاكام مېنى كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئاشخانىسىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن چوقۇم تىرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن». مەمەتئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر يىلى ئۇ بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، شېن جيەنخەي ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خوتەندىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.