تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىردى، يەسلىدىكى بالىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

    ​تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا ئاپتونوم رايونىمىزدا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئالدىنقى ئايدىكىدىن سەل ئاشقان. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جېنگو مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەتىيازدا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ۋە ۋىرۇسلۇق ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئامما سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلغاندا، مۇۋاپىق پەيتتە كىيىم-كېچەكلەرنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا دىققەت قىلىشى، ئەتىيازدىكى نەپەس يولى ۋە ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

    «گەرچە ھازىرقى باسقۇچتا تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئەگەر مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلمىغاندا، ئاسانلا زۇكام بولۇپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، نەپەس يولى ۋە ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ». گاۋ جېنگو مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن باشقا، ئەتىياز پەسلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن يەنە تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى، سۇ چېچىكى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ، ئاساسلىقى قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، باش ئاغرىش، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ئەسۋە چىقىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار. يەسلى، مەكتەپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قاتارلىق كوللېكتىپ ئورۇنلار نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

    ئامما سىرتقا چىقىپ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغاندا ياكى مۇھىتى يېپىق، ئادەم زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا، ئىلمىي ماسكا تاقاپ، نەپەس يولى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشى كېرەك؛ ياشانغانلار، ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسەللىك ئاغرىقلىرى ئادەم زىچ توپلاشقان ئۆي ئىچى سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا قېلىن كىيىنىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش؛ مۇۋاپىق سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بىر كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئاز بولماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە، قولياغلىق ياكى قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىش كېرەك.

    ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا نورۇ ۋىرۇسى، چاقسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش سەل كۆپىيىپ قالغان، ئاساسلىق يۇقۇملانغانلار توپى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەن. گاۋ جېنگو مۇنداق ئەسكەرتتى: يەسلىدىكى بالىلار، ئائىلىدىكى بالىلار، مەيلى يېمەك-ئىچمەك ياكى ئويۇنچۇق ئويناش قاتارلىقلاردا بولسۇن، شەخسىي تازىلىق ۋە ئالاقىدار مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك: يېمەك-ئىچمەك، ئىچىدىغان سۇ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك، ئىمكانقەدەر پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، مېۋە-چېۋە يېگەندە يۇيۇۋېتىش، پوستىنى سويۇش؛ قولنى پات-پات يۇيۇش، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن ۋاقتىدا قول يۇيۇش كېرەك. بالىلاردا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قۇسۇقنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، كېسەل تۇرۇپمۇ يەسلىگە بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.