تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

«يېمەكلىك» ئىشىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش

                                                                                                                                    □ دوڭ خەنۋېن ئەسىرى

   «ئائىلىدە، مەھەللىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش» شىنجاڭنىڭ 2024 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ياشانغانلار غىزالىنىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 10 مىڭنى قۇرۇپ، ياشانغانلارغا غىزالىنىش جەھەتتە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئېنىقلا، بۇ ئائىلىدە، مەھەللىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى كۈچلۈك قوللاش كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. ياشانغانلار غىزالىنىش مۇلازىمەت نۇقتىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۇلارنى «يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان» قىلدى ھەم پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بېسىمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، غەم ـ ئەندىشىسىنى ئازايتتى، پەقەت «يېمەكلىك» ئىشىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ياخشى ئىشلەپ، ئۇزاققىچە ئىشلەپ، ياشانغانلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىرگەندىلا، ئاندىن ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  بۇ دەل

  ئاشخانا ئىشىك ئالدىدىلا بولسا

  ياشانغانلار تاماق يېيىشتىن غەم قىلمايدۇ

  تاماقلار تەملىك، مۇلازىمەت ئەلا بولسا

  ئەمەلىي ئىشلەنگەن «يېمەكلىك» ئىشىدىن كىشىلەرنىڭ قەلبى ئىللىيدۇ.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.