تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 70 مىليارد كۇب مېتىر سۇ باشلاندى

بۇ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجوۋ شەھىرى جياڭدۇ رايونىغا جايلاشقان جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي لىنىيەسىنىڭ مەنبەسى جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (رېن فېي فوتوسى)

    جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي، ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 70 مىليارد كۇب مېتىر سۇ باشلىنىپ، 176 مىليون ئادەم نەپكە ئېرىشتى.

   جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي، ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئومۇميۈزلۈك سۇ باشلاندى. 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 14كىچە، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىدە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېنەن، خېبېيغا 62 مىليارد 593 مىليون كۇب مېتىر، شەرقىي لىنىيەسىدە شەندۇڭغا 6 مىليارد 777 مىليون كۇب مېتىر، شەرقىي لىنىيەنى شىمالغا ئۇزارتىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىغا 630 مىليون كۇب مېتىر سۇ باشلاندى.

بۇ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجوۋ شەھىرى جياڭدۇ رايونىغا جايلاشقان جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى يۈنيەن چۈشۈرگىسى، شاۋشيەنتاۋ چۈشۈرگىسى، شاۋشيەن چۈشۈرگىسى ئۆڭكۈرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (رېن فېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.