تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

باھار كەلدى  پەسىل قۇشلىرى «ئۆيىگە» قايتتى

   3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، قاراماي شەھىرىدە ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى سۇ رايونىدىكى مۇزلار ئېرىپ، جەنۇبقا قىشلاشقا كەتكەن پەسىل قۇشلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قايتىپ كېلىشكە باشلىدى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى سۇ رايونلىرىدا قىسقا ۋاقىت توختاپ، يەنە شىمالغا قاراپ ئۇچتى.

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، قاراماي گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىدا، مۇز ئۈستىدە ئارام ئېلۋاتقان چايكىلار. ۋاڭ شىنخۇا فوتوسى

   قاراماي شەھەرلىك ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاۋ لەنشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ بېشىغىچە، زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرى ئارقا-ئارقىدىن شىمالىي شىنجاڭدىن ئۆتىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى سۇ مەنبەسى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ھەر يىلى قاراماي شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى سۇ رايونىغا كۆچۈپ كېلىدىغان ياكى بۇ جايدا توختاپ ئۆتىدىغان پەسىل قۇشلىرى كۆپەيگەن.

   3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قار - مۇزلار ئېرىدى، يېشىل باش ئۆردەك، قارا تۇمشۇقلۇق چايكا قاتارلىق قۇشلار قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەيچۈەنخۇ كۆلى سۇلۇق يېرىدە ئوزۇق ئىزدەپ ئويناشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، قۇشلارنىڭ ماكانلىشىپ كۆپىيىشىگە بىخەتەر، راھەت ماكان يارىتىپ بەردى. □تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى 

   3-ئايدا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرىدە ھاۋا ئىللىپ، دەريا-ئېقىنلاردىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى. 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇلاستاي دەرياسىدا ئاق قوتانلارنىڭ زىلۋا قامىتى، ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ قوغلىشىپ ئويناشلىرى باش باھارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

   چۆچەك شەھىرىنى بەش دەريا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئەڭ غەرب تەرىپىدىكىسى ئۇلاستاي دەرياسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىشتىن كېيىنكى ئۇلاستاي دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا پۈركەندى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپىيىپ، گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى. (ئاپتور: سېرىك جۇماقان) 

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۈل رەڭ ياۋا غازلار باغراش كۆلىدە ئوزۇق ئىزدىگەچ ئويناشماقتا. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قار-مۇزلار ئېرىگەن باغراش كۆلى قايتىپ كەلگەن زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ھەر خىل پەسىل قۇشلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ياشاپ، كۆپەيدى. نيەن لېي فوتوسى

«يىغىلىپ مەشقلىنىش»تىن سىرت، ئاق قۇلار بىردەم دەريا يۈزىدە ئويناپ، ياڭراق ئاۋازادا سايرىسا، بىردەم قىرغاقتا ئەركىن سەيلە قىلىپ، جىمجىت ئوزۇق ئىزدەپ، تيەنئېۋەننىڭ ياخشى تەبىئىي شارائىتىدىن ھۇزۇرلاندى. 

   ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 21-تۇەنىدىكى تيەنئېۋەندە قىشلىغان ئاق قۇلار قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى تەكرار «يىغىلىپ مەشقلىنىش» ئەندىزىسىگە كىردى، ئۇلار دەريا يۈزىدە گاھ يۈگۈرۈشسە، گاھ ئۇچۇپ گاھ قوناتتى... قايتىش تەييارلىقىنى ئالدىراش ئېلىپ باردى. (ئاپتورلار: بەي كېبىن، خې فېي)  

بىر توپ قىزىل تۇمشۇق چايكا سۇ يۈزىدە ئوينىماقتا. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى يېڭىئېرىق سۇ ئامبىرى تۇنجى تۈركۈمدە شىمالغا قايتقان پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. چېن ۋېنجيې فوتوسى

   3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئېرىق سۇ ئامبىرى تۇنجى تۈركۈمدە شىمالغا قايتقان پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. توپ-توپ قىزىل تۇمشۇق چايكا، قارنا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى، گاھ ئويناپ، گاھ ئوزۇق ئىزدەپ، ئويغىنىۋاتقان سۇلۇق يەرگە چەكسىز ھاياتىي كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.