تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكىدە بۇلار سالامەتلىككە پايدىلىق

 

ئەتىيازلىق كۆكتاتلار

تاڭيۈەن

لۈداگۇن پىرەنىكى

 .....

چەكسىزلىككە تولغان باھار ھىدى

ئېغىزلارغا كىرگەندە

ئېنىقكى، ئۇ كىشى قەلبىگە ئەڭ تەسەللى بېرىدىغان تەم

___________________________________________________________________________________

بۈگۈن

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى ھەققىدە گەپ بولۇنسا

تەبىئىيلا «يېيىش» توغرىسىدا

سۆزلىمەي تۇرالمايمىز

  

جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزەرىدە

«يېيىش»

زور ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىش

قەدىمكىلەر دائىم «ۋاقتى-قەرەلىگە قاراپ يېيىش» دېيىشىدۇ

بۇ دېگەنلىك ۋاقىتقا، پەسىلگە قاراپ يېيىشنى كۆرسىتىدۇ

بۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى

شۇنداقلا ئادەم بىلەن تەبىئەت ماسلىشىدىغان مۇھىم بىر قەدەم

  

سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئوۋ ياڭشيۇنىڭ قارىشىچە

«يامغۇردىن كېيىنكى مەنزىرە، ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى

 رەڭگارەڭ گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىش»

 بەلكىم

دەل ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىشىدىكى ئىللىقلىققا تولغان كۆرۈنۈشلەردۇر

كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى «يېشىل»لىققا بولغان

تەشناسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

لىڭنەن رايونىدا

«ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكىدە ئەتىيازلىق كۆكتات يېيىش»

ئۇزۇندىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت

  

قەدىمدىن تارتىپ

پۇقرالار ئەتىيازلىق كۆكتاتلارنى يېيىش

سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق، دەپ قارىشىدۇ

خەلق ئارىسىدىمۇ

«ئەتىيازلىق كۆكتات ئادەمنىڭ ئىچىنى تازىلايدۇ،

 پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئامان-ئېسەن، ساغلام بولىدۇ»

دەيدىغان تەمسىل بار

ئەتىيازلىق كۆكتات يېيىش ئاشقازان-ئۈچەينى «تازىلاش» ئۈچۈنلا ئەمەس

شۇنداقلا يەنە بىر ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىگە بولغان ياخشى تىلەكتۇر

  

تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە تاللانغان ئەتىيازلىق كۆكتات

تولىمۇ ھۇزۇرلۇق، يۇمران بولۇپ

ئۇنىڭغا بىر پارچە يېڭى بېلىق گۆشى قوشۇپ يېسەك

ھەم بىر چىنە «ئەتىيازلىق كۆكتات شورپىسى» ئىچسەك

ئاجايىپ مەززىلىك بىر تەم ئاشقازىنىمزدىن ئۇدۇللا تىلىمىزغا بېرىپ

تىلىمىزدىكى تەم سەزگۈلىرىمىزنى ئويغىتىدۇ

جىسەي 

ئەتىيازلىق كۆكتاتلار ئىچىدىكى

بىر يارقىن رەڭ

«يۇرتۇمنىڭ ياۋا كۆكتاتلىرى»دا

ۋاڭ زېڭچى يۇرتىنىڭ جىسەي سوغۇق سېيىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

«جىسەينى قايناقسۇغا بېسىپ، ئۇششاق توغرايمىز

ئۇنى ئۇششاق توغرىۋالغان دۇفۇ قېقى بىلەن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،

يەنە چانىۋالغان زەنجىۋىل سېلىپ

ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز

كىچىك راكنى ئىشلەتسەكمۇ، ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ» 

  

ۋاڭ زېڭچى يۇرتىنىڭ جىسەي سېيىنى دائىم ئەسلەپ تۇرغان

بىزمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى ھەققىدىكى بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا

ھەر بىر خېتىمىزدىن چىقىۋاتقىنىمۇ

بەلكىم

بىر كۈچلۈك سېغىنىشنىڭ تەمى!

«دەريا ساھىلىنى ئاق ئەمەنلەر قاپلىدى، قومۇشلارمۇ بىخ سۈردى

دەريا دېلفېنى دەريا ئېقىنىغا قايتىدىغان چاغ كەلدى»

سۇدۇڭپومۇ ئامراق ئاق ئەمەننى

يەيدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى

قايناقسۇغا بېسىپ سوغۇق سەي قىلساق بولىدۇ

سامساق چانالمىسى بىلەن قورۇپ يېسەكمۇ بولىدۇ ...

ئاددىيغىنە ئېتىش ئۇسۇللىرى بىلەن چەكسىز لەززەتكە ئېرىشىمىز

ئەتىيازلىق كۆكتاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا

كونا بېيجىڭلىقلار

«لۈداگۇن» پىرەنىكىنىڭ

تاتلىق، يۇمشاق، يېپىشقاق تەمىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ

  

ئېيتىشلارغا قارىغاندا

ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىشۇرۇش ئىش تەرتىپىدە

 ئۈستىگە سېپىلگەن سېرىق پۇرچاق ئۇنى

خۇددى كونا بېيجىڭنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋا ئېشەك

يايراپ ئېغىنىغان چاغدا كۆتۈرۈلگەن سېرىق توپىغا ئوخشاش بولغاچقا

ئۇنىڭغا «لۈداگۇن» دەپ ئىسىم قويۇلغانىكەن

  

باھار تۈسى قويۇقلىشىۋاتقان كوچىدا

تاتلىق پۇرچاق قىيمىسىدىن بىر چىشلىگىنىڭىزدە

 باھارنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچى

خۇددى ئېغىزىڭىزدا ئېرىپ نامايان بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز

ئەمەلىيەتتە

 ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكىنىڭ ئېغىزدىكى مەززىلىك تەمى

تەم سەزگۈلىرىمىزگە لەززەت بېغىشلاپلا قالماستىن

گۈزەل ئارزۇلارنى يەتكۈزىدۇ

  

تاڭيۈەن يەيدىغان ئادەت قەدىمدىن تارتىپلا بار

يۈەنشاۋ بايرىمىدا

كىشىلەر دائىم ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر چىنە قىززىق تاڭيۈەندىن ئىچىشىدۇ

بۇ، ئائىلىدىكى ھەممەيلەن جەم بولۇش، ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش دېگەن مەنالارغا سىمۋول قىلىنغان

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكىدە

«تاڭيۈەن» تېخىمۇ كۆپ مەنالارغا تولغان

«توققۇزىنچى چىللە ئۆتۈپ توققۇز كۈن ئۆتتى، 

سۆرەم كالىسى ئېتىزغا چىقتى»

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى يېتىپ كېلىشى بىلەن 

ھاۋا ئىللىپ، توڭ تۇپراقلار بوشايدۇ

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق تېرىم 

ئالدىراش مەزگىلگە كىرىدۇ

قەدىمكىلەر بۇ مەزگىلدە زىرائەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قۇشقاچلارغا 

تاقابىل تۇرۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان

  

ئېيتىشلارغا قارىغاندا

بەزى جايلاردىكى كىشىلەر 

تاڭيۈەننى يەپ بولغاندىن كېيىن

قىيمىسى يوق تاڭيۈەندىن يەنە ئازراق پىشۇرۇپ 

ئىنچىكە بامبۇكلارغا سانجىپ 

بۇ بامبۇكلارنى ئېتىز قىرلىرىغا قاتار سانجىپ قويىدىكەن

بۇ، قۇشقاچنىڭ ئاغزىنى يەملەش، دەپمۇ ئاتىلىدىكەن

كىچىككىنە تاڭيۈەنلەرگە

ئەپچىل پىكىر 

ئەقىل-پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن

جۇڭگولۇقلارنىڭ 

ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا بولغان

ئاددىي، گۈزەل ئۈمىدلىرى مۇجەسسەملەنگەن

ئەمەلىيەتتە

مەززىلىك تائاملاردىن باشقا

«ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى»نىڭ

يەنە بەزى ئۆزگىچە تەرەپلىرى بار

  

«چۇنچيۇ گۈلتاجلىرى»دا مۇنداق خاتىرىلەر بار:

«ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكىدە مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر تەڭ بولىدۇ

شۇڭا، كېچە بىلەن كۈندۈز، سوغۇق بىلەن ئىسسىق تەڭ بولىدۇ»

بىر «تەڭلىك» خېتى 

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكىدىكى كۈن بىلەن تۈننىڭ ۋاقىت جەھەتتىن

 ئىسسىق بىلەن سوغۇقنىڭ خۇسۇسىيەت جەھەتتىن تەڭلەشكەنلىكىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن

يەنە 

تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق بولۇش، دېگەن مەنالارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ

  

ئىللىق قۇياش، مەيىن شامال، سىم-سىم يامغۇر

سوغۇق ھەممىلا جاي، ھەممىلا نەرسىدىن خوشلاشتى

ھەممە

ئەڭ گۈزەل پەيتلەرگە كىردى

ھەممەيلەن بىردەك مۇنداق دېيىشتى:

«بىر يىلدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل يېتىپ كەلدى!»

شۇنداق

«يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ»

ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى ئىزنالىرىدا

چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى بار، ئۇرغۇپ تۇرغان يېشىللىق بار

ياشلىق باھارغا بولغان قەدىرلەش بار

ياشلىق كەتسە قايتا كەلمەيدۇ

پەقەت تىرىشقاندىلا، ئاندىن ئۈمىدلەر يەردە قالمايدۇ

  

 كۈندۈزى ئاستا-ئاستا ئۇزۇن بولۇۋاتقان باھار كۈنلىرىدە

سىزمۇ

تېخىمۇ ئىللىق ۋە پارلاق بولغان 

يىراق مەنزىللەرگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەش ئۈچۈن

 ئېنېرگىيەلىرىڭىزنى قايتىدىن توپلىدىڭىزمۇ؟

  

 قەدىرلىك ياش

ياشلىق باھارىڭىزنىڭ قالغان يېرىمىدا

ھەربىر بۈگۈنىڭىزدە

ئەپسۇسلىنىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز

图片图片图片

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.