تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

گۈللەرنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | نەشپۈت شەھىرىدە چىللىگۈللەر ئېچىلدى

   ئاپتور: ما لىجۈەن

 3-ئايدا، باھار كېلىپ، بارلىق شەيئى جانلاندى. شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى خەلق مەيدانىدا، چىللىگۈللەر بەس-بەستە چىرايلىق ئېچىلدى، ساپسېرىق غۇنچىلار ھەسەل رەڭ كەبى پارقىراق ھەم يۇمران بولۇپ، بۇ شەھەرگە كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك تۈس قوشقانىدى.

   چىللىگۈل دۆلىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى داڭلىق گۈللەردىن بولۇپ، پەرۋىش قىلىش، ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە، لېكىن چىللىگۈل نامىدا «梅» دېگەن خەت بولغاچقا، كىشىلەر دائىم ئۇنى مېيخۇا گۈلى(梅花)دەپ خاتا بىلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، چىللىگۈل بىلەن مېيخۇا گۈلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۆسۈملۈك.

  «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا: «چىللىگۈل، سېرىق مېيخۇا گۈلى دېيىلىدۇ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ گۈل مېيخۇا گۈلى تۈرىگە تەۋە ئەمەس، چۈنكى ئۇ مېيخۇا گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پۇرىقىمۇ ئوخشىشىپ قالغاچقا ھەم رەڭگى ھەسەل رەڭدە بولغاچقا بۇ نام بىلەن ئاتالغان».

  چىللىگۈلنىڭ تاماشا قىلىش قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ياخشى دورىلىق قىممىتى بار. چىللىگۈلنىڭ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە مېۋىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، چىللىگۈلنىڭ تەركىبىدە كامفورا ئالكوگولى، لۇڭناۋ قاتارلىق كۆپ خىل خۇش پۇراق ماددىلار بار بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك گۈل چاي ياساشتىكى خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.