تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

شىنجاڭدا باھاردا قۇشلارنى تاماشا قىلىش سۈرەتلىك قوللانمىسى

     ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى

    باھارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تاغ-دالىلارنى قاپلىغان رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلاردىن باشقا، يەنە «باھار شامىلى يەر-جاھاننى قاپلاپ، تۈرلۈك قۇشلار بەس-بەستە سايرىدى» دېگەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى قۇشلارنى تاماشا قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايلاردا ئاق قوتان، ساقىيقۇش، ھاڭگىرت، ئاق قۇ قاتارلىقلار ماكانلاشتى... گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى شەكىللىنىپ، ھەممە يەرنى قويۇق باھار ھىدى قاپلىدى.

«شىنجاڭنىڭ خاس قۇشلىرىنى تاماشا قىلىش ساياھەت تاكتىكىسى» 

مەنبە: تور

بورتالا دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى

يېشىل باش ئۆردەك.

بېيفاڭ لاۋلاڭ فوتوسى 

    تاماشا قىلغىلى بولىدىغان قۇش تۈرى: ياۋا ئۆردەك، ئاق قۇ، ئالا چۆمگەك ئۆردەك، تارتۇمشۇق ئۆردەك قاتارلىقلار.

   ئادرېسى: ئارىشاڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان، بورتالا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بارغىلى بولىدۇ، ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى

چوڭ ئاق قۇ.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

     تاماشا قىلغىلى بولىدىغان قۇش تۈرى: چوڭ ئاق قۇ، ھال رەڭ قارىغوجا، قىزىل ئۆردەك، ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار.

    ئادرېسى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئايروپىلان ياكى ئوق پويىزغا ئولتۇرۇپ بورتالا شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بارسىڭىز بولىدۇ، ئىشىك بېلىتى ئېتىبار باھاسى 110 يۈەن.

باغراش كۆلى 

تارىم تاغ قوڭۇر تورغىيى. 

سۈرەت مەنبەسى: قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى

     تاماشا قىلغىلى بولىدىغان قۇش تۈرى: ئۆردەك كۆپ ئۇچرايدىغان قۇش تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېشىل باش ئۆردەك، ئادەتتىكى چۆمگەك چۆل ئۆردىكى، سېغىزخان ئۆردەك ۋە قىزىل تۇمشۇق چۆمگەك ئۆردەكلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ.

    ئادرېسى: كورلا شەھىرىگە 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاپتوموبىل ياكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كورلا شەھىرىگە بېرىپ، ئاندىن نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ باغراش كۆلىگە بارسىڭىز بولىدۇ، ئىشىك بېلىتى 38 يۈەن.

باركۆل سۇلۇق يېرى

كۈل رەڭ تۇرنا.

سۈرەت مەنبەسى: بورتالا گېزىتى

    تاماشا قىلغىلى بولىدىغان قۇش تۈرى: لەيلىلىك تۇرنا، كۈل رەڭ تۇرنا ۋە ھەر خىل ياۋا ئۆردەك، لايخورەك تۈرىدىكى قۇشلار.

    ئادرېسى: باركۆل ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئالدى بىلەن باركۆل ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاندىن ئاپتوموبىل بىلەن بارسىڭىز بولىدۇ، ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ.

كوئېنلۇن باغچىسى

 ئاق قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى.

  زى تاۋ فوتوسى

    تاماشا قىلغىلى بولىدىغان قۇش تۈرى: كۆپ ئۇچرايدىغان قۇشلاردىن قارلىغاچسىمان چايكا، قىزىل پاچاق لايخورەك، ئاق قىليورغا قاتارلىقلار بار.

    ئادرېسى: خوتەن شەھەر رايونىغا جايلاشقان، ئاپتوموبىل ياكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خوتەن شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پىيادە بېرىپ قۇشلارنى تاماشا قىلسىڭىز بولىدۇ، كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.