تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

مارالبېشىدىكى ئۈچ گۆھەر تەمىگە تايىنىپ ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى

مارالبېشى ناھىيەسىدە بارچۇق قويى، مارالبېشى بېشەكشېرىن قوغۇنى، مارالبېشى موگۇسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

بارچۇق قويى

بارچۇق قويىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاق رەڭنى ئاساس قىلغان، كۆز ئەتراپى قارا، تۇمشۇقى قارا، قۇلىقى كىچىك بولۇپ، قارا سىزىقچىلىرى بار، ئۇ ئاز تۆللىگەچكە، «مۈشۈكئېيىق قوي» دەپمۇ ئاتالغان. بارچۇق قويى يىل بويى توغراقلىقتا بېقىلىدۇ، تەبىئىي چۈچۈكبۇيا، ياۋا موگۇ قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جاينىڭ تۇپرىقىدا شور ھەم مول مىنېرال ماددىلار بولغاچقا، گۆشى يۇمران، مەززىلىك.

مارالبېشى بېشەكشېرىن قوغۇنى

مارالبېشى بېشەكشېرىن قوغۇنىنىڭ ئېتى كۆك، ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭدە بولۇپ، تەمى خۇش پۇراق ھەم تاتلىق. قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان مارالبېشى ناھىيەسىدە يىل بويى قۇرغاقچىلىق بولىدۇ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، قارىماققا ناچار بىلىنىدىغان بۇ مۇھىت ھالبۇكى بېشەكشېرىن قوغۇنىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇنبەت تۇپراق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىروۋسىز مەزگىلى 200 كۈندىن ئاشىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 سائەتتىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، مول يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى شارائىتى بېشەكشېرىن قوغۇنىنى ئېسىل سۈپەتكە ئىگە قىلغان.

مارالبېشى موگۇسى

مارالبېشى موگۇسى يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيى، مىڭ يىللىق توغراق، قۇرغاق، ئاز يامغۇرلۇق قۇملۇق كىلىمات شارائىتىنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن ئەتىۋارلىق يېمەكلىك زەمبۇرۇغى. مارالبېشى موگۇسىنىڭ ئېتى قېلىن، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.