ئاپتور: شياۋ خۇا
3-ئاينىڭ باشلىرىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن دەرياسىدا چۆمگەك چۆل ئۆردىكىنىڭ چوڭ بېلىقنى يۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. سۈرەتتە، چۆمگەك چۆل ئۆردىكى بىر چوڭ بېلىقنى چىشلىۋېلىپ، كۆپ قېتىم يۇتۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم سىناپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.
چۆمگەك چۆل ئۆردىكىنىڭ تۇمشۇقى تار ھەم ئۇزۇن بولۇپ ھەرىسىمان گىرۋىكى بار، ئالدى ئۇچى ئىلمەكسىمان بولۇپ، تاغلىق رايوندىكى تاتلىق سۇدا ياشايدىغان ئۆردەك تۈرى ھېسابلىنىدۇ، سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ ئۈزۈشكە ماھىر، كىچىك بېلىقلارنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.
دۆربىلجىن دەرياسى بويىدا نۇرغۇن چۆمگەك چۆل ئۆردىكى جۈپ-جۈپ بولۇپ سەيلە قىلىدۇ. ئۇلار بېلىق تۇتقاندىكى ھالىتى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، ئالدى بىلەن بېشىنى سۇغا چىلاپ كۆزىتىدۇ، ئولجىنى بايقىغان ھامان دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، ھەمىشە ئولجىنى دەل تۇتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بېلىق تۇتۇش ماھىرى دەيدىغان نامى بار.
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803237_872f3175.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803238_57d7ae50.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803239_32b7e361.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803240_0dcbb384.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803281_be89f787.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803282_4f23ba40.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803283_b3435f06.jpg)
![](http://uy.ts.cn/pic/003/528/032/00352803284_de8e52ce.jpg)
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى