تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرى 2024 - يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىنى ئېلان قىلدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 2024 - يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىنى ئېلان قىلدى.

   ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشتا، نوپۇس ۋە ئوقۇش تەۋەلىكى تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

   (1) ئىمتىھان بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىملىق نوپۇس بولغان، ئىمتىھان بەرگۈچى شەھەرلىك ياكى رايونلۇق (ناھىيەلىك) مائارىپ ئىدارىلىرىدە ئوقۇش تەۋەلىكىگە رويخەتكە ئالدۇرغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ياكى ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئىلگىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولسا تىزىملىتالايدۇ.

   (2) ئىمتىھان بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىملىق نوپۇس بولغان، ھەمدە نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەن ۋاقىت 2024 -  يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن كېيىن بولمىغان، باشقا جايدا ئوقۇپ چوقۇم نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان (ئىلگىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەن) ئوقۇغۇچى ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرى (ئوقۇغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەمەلىي ئوقۇغانلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ (ئانىسىنىڭ) نوپۇس دەپتىرى، كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى تاپشۇرۇلىدۇ) بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملىتالايدۇ.

   (3) ئۈرۈمچىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى بۇ شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچى شەھەرلىك ياكى رايونلۇق  (ناھىيەلىك) مائارىپ ئىدارىسىدە بىر يىلدىن ئارتۇق (9 - يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئالدۇرغان ھەمدە ئۇدا ئەمەلىي ئوقۇۋاتقان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى بۇ يىل پۈتكۈزىدىغان (ئىلگىرى پۈتكۈزگەن) ئوقۇغۇچى بولسا تىزىملىتالايدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ:

   (1) شۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى بولمىغان ھەمدە شەھەرلىك ياكى رايونلۇق (ناھىيەلىك) مائارىپ ئىدارىسىدە رويخەتكە ئالدۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان (9 - يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش تەۋەلىكى بولمىغان ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان (ئىلگىرى پۈتكۈزگەن) ئوقۇغۇچىلار؛

   (2) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (تۈرلۈك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تە ئوقۇۋاتقان، پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى؛

   (3) ھەر خىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان، پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى؛

   (4) ئالدىنقى يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا كۆز بويامچىلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى، ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل ئىمتىھان بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.