تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيمىز.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.