تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، قوبۇل قىلىش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

3 - ئايدىكى بېيجىڭدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، بىر قاتار ئالاھىدە مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى قاتارلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇردى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، كۆيۈنۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنىنى ئېچىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتى بارلىققا كەلدى.

دىققەتنى كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش

ئەنئەنىۋى كەسىپلەر زامانىۋىلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭدا، كەسىپلەر گۈللەنگەچكە يېزا - كەنتلەرمۇ گۈللەندى، كەسىپلەر كۈچەيگەچكە ھاياتىي كۈچمۇ ئۇرغۇدى.

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىدىكى ئىقتىساد يېڭى رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆكتات بازىسىنىڭ قاتار - قاتار پارنىكلىرى چۆل - باياۋاندا رەتلىك تىزىلغانىدى. پارنىكتا، ياپيېشىل لازىلار بولۇق چۈشكەن بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى يېتەرلىك، چۆل - باياۋانغا تايىنىپ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى مەركەزلىك تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.» شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا باش نازارەتچىسى سۇڭ زۇڭكې مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شىركىتىمىز 10 مىڭ مولۇق قۇم دېڭىزىدا 1000غا يېقىن پارنىك ياساپ، يىلىغا 70 مىڭ توننا يېڭى مېۋە - كۆكتات ئىشلەپچىقاردى، يىللىق سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 240 مىليون يۈەن بولدى، %80 مېۋە - كۆكتاتنى زاكازلىق سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كەسىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسى. بۇلتۇردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ باغ - ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە كۆكتاتچىلىق كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، خوتەن خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭغانسېرى پۇختا قەدەم تاشلىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى بۇغۇچچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدىمەمەت ئوبۇل يۇرتىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا چۆمدى. 2023 - يىلى، ئۇلار ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق تەرەققىيات ئاساسىغا تايىنىپ، 30 مو شىنمېي سەيلە - ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتتى، «بۇ يىل، بىز شىنمېي تىكىلگەن كۆلەمنى 60 موغا كېڭەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، بېلىق كۆلچىكى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، <ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى> ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىستىراھەت ساياھەت بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز».

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «زەنجىر باشلىقى تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، كۈچەيتىشنى تېزلەتتى. تۈرلەرنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى باغچە رايونىلاشتۇرۇش، باغچە رايونلىرىنى توپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باغچە رايونلىرىدىكى يېتەكچى كەسىپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 100 مىليارد دەرىجىلىك باغچە رايونى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى قوللاپ، بايلىقنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشى، تۈرلەرنىڭ باغچە رايونىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتى ئاشلىق، ياغ، مېۋە - كۆكتات، مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا، ئەشيا ئوبوروتى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ ھەم نۇقتىلىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، دەۋر ۋەزىيىتىنى ئىگىلىگەن، قەشقەر خاسلىقىغا ئىگە بولغان، پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەخت ئاساسىي رېڭىنى سىزىپ چىقىش

ئادەم كۆپ، يەر ئاز، سانائەت ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى 2024 - يىللىق «باھار شامىلى ھەرىكىتى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى» چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان 2000دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئىش ئورنى نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىنى جەلپ قىلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 59 مەيدان «باھار شامىلى ھەرىكىتى» خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە، 900دىن ئارتۇق كارخانا 2500گە يېقىن كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ قەشقەر شەھىرىدىكى «باھار شامىلى ھەرىكىتى ھەم كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە، كەڭ يېزا ئەمگەكچىلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 6000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەندى...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن بارغانسېرى كۆپ كەسىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلىشىپ، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە تېخىمۇ تولۇق بولغان ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى شاڭخەي كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان قاغىلىق شياۋشياڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان كارخانا بولۇپ، پاختىلىق كىيىم، مامۇق كىيىم، خىزمەت كىيىمى ھەم كارىۋات بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ، يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ يۈرۈش كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىپ، گۇاڭجوۋ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ساتىدۇ. شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاغىلىق ناھىيەسى شاڭخەي كەسىپلەر باغچىسىغا ھازىر ئەمگەك كۆجۈملەشكەن 12 كارخانا ماكانلىشىپ، 1700 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى، شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 16 مىڭ 881 يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن 1465 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى %9.5 بولغان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

2023 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىچكى قىسىمدا يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بىلەن تاشقى قىسىمدا يولنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچىدىن جەمئىي 302 مىڭ 100 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ماھارەت - ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەيساجان ياسىن «يېزا - كەنت لۇبەن ھۈنەرخانىسى − ئېرىتىپ كەپشەرلەش ۋە قىزدۇرۇپ كېسىش» ئالاھىدە مەشغۇلات كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان بېرىپ كەپشەرلەش ئىشچىسى ئوتتۇرا دەرىجە كىنىشكىسى ئالدى. «كىنىشكا ئالغاندىن كېيىن، مەن بىر قۇرۇلۇش شىركىتى بىلەن خىزمەت كېلىشىمى ئىمزالىدىم، ئايلىق مائاشىم 6000 يۈەن» دېدى ئۇ.

«يېزا - كەنت لۇبەن ھۈنەرخانىسى» قۇرۇلۇش ھۈنەرۋەنلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى 2023 - يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ئون قارار تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى 2000 كىشىنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى. «بۇ يىل، بىز تۈركۈم - قېتىمغا بۆلۈپ 4280 ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ، يېڭىدىن 2550 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسى تەربىيەلەش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى شىنماۋ.

دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئاشۇرۇش

3 - ئاي، ھاۋا ئىللىپ قالغان بولسىمۇ، ئەتىگەن - ئاخشاملىرى يەنىلا سوغۇق بار ئىدى، قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى بۇغۇچچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەختۇمخان جامالنىڭ ئۆيى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

«يېرىم كېچىدە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ مەشكە كۆمۈر سالمىساقمۇ بولىدۇ، توك پار تامغا ئېسىقلىق، كەيگۇەننى ئاچساقلا، كېچىچە ئىسسىق تۇرىدۇ، يەنە تېخى پاكىز ھەم تېجەشلىك.» مەختۇمخان پاكىز ئىسسىنىشنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. پاكىز ئىسسىنىشنىڭ بىر ئۇچى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشىلاش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2023 - يىلى شىنجاڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، 279 مىڭ 500 ئائىلىلىك «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى بويىچە يىللىق ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، مەختۇمخاننىڭكىگە ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ ئائىلە ئىسسىنىشتا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان بولدى.

مەختۇمخاننى نەپكە ئېرىشتۈرگىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىلا ئەمەس. «مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتى بار بولدى، ئائىلىمىزدە كالا، قوي، توخۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. مەن ئىزچىل ياشاپ كېلىۋاتقان بۇغۇچچى كەنتىمۇ ئۆزگەردى: قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول، ئېنېرگىيە توكى، رادىيو - تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى...»

مەختۇمخاننىڭ قەلب ساداسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى. كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ھەربىر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ، بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان بەخت مۇجەسسەملەندى.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. «مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، روھىي ھالىتىمىزنى ياخشىلاپ، ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ پۇختا تولۇقلاپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، <پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش>تىن ئىبارەت بۇ نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئابدىمەمەت ئوبۇل.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.