ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل يېڭى سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى"> ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل يېڭى سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل يېڭى سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى

​− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئورتاق تونۇش، ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ياخشى تەدبىرلەر كەڭ دائىرىدە پىلانلاندى. 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى، ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلىدى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەمدە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ھەم مۇزاكىرە قىلىپ، دۆلىتىمىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ يىل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز ساپاسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.» 75 يىلدىن بۇيان بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت، 75 يىلدىن بۇيان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ كەلگەن تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ كاپالەت. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرساق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرساق، چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشالايمىز.

ئىتتىپاقلىق كۈچ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، شۇنداقلا خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش، جەزمەن بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بىرلىكتە ئويلاشقا، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇمىي خەلققە زىچ تايىنىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ياخشى سىزىپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ كۈچىنى توپلاپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، كىشىلەرنى چاقىرىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى زور. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي تەشكىلات، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاش يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. بۇ داغدام يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىشەنچنى چىڭىتىش، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.