تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە گوۋۇيۇەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقتى

ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى، 3 ـ تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى شى ۋېيجۇڭ، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» ۋە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا سىياسىي مەيدان مۇستەھكەم بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش يۆنىلىشى روشەن بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە باشتىن ـ ئاخىرى سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشنى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئىككى ئالاقە باغلاش»نى تۇتقا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىيغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلىغا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ ـ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، تىرىشىپ تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى پۇختا تۇتۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئەمەلىي نەتىجىلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم تولۇق نامايان قىلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەش تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاشقى ئالاقىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇلتۇر «ئىككى ئالىي مەھكىمە» شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن.

ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپتۇ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئېنىق، ئايدىڭ بوپتۇ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا «ئىككى ئالىي مەھكىمە» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي مېڭىپ، «تىرىشىپ ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى چۆرىدەپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

ۋەكىل دىلشات سايىم مۇنداق دېدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا دىققەت پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭنىڭ سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش كۈچىنى قوشىدۇ.

ۋەكىل گاۋ جىمىڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىككە، قانۇنچىللىق سالمىقىغا، خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە ئىگە قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دەۋانى مەنبەدىن تۈزەش ئارقىلىق جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

رۇقىيەم مەتسەيدى، ۋۇ ۋېنشيۇ، ئابدۇمەمەت ئوبۇل، قانىمبۈ ئايسا، مۇسا مەمەت، دىلشات پەرھات، مىن شياۋچىڭ، پاڭ زىجيەن، مەمەت جۈمە، مېڭ نەن، زەينۇرە تالغات، ياڭ لىچياڭ، جۈرئەت قۇربان، ليۇ خۇڭتاۋ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، تىپىك دېلو مىساللىرى ۋە تۈرلۈك ۋەزىپە ـ تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، ئىككى دوكلاتنى قۇۋۋەتلىدى ھەم پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەكىللەر يەنە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.