تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىككى يىغىن سۈرەتلىرى | شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ دوكلاتى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى

   تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي جىجيەن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى.

   3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىن زالىغا بېرىش يولىدا، سۆزلەيدىغان مەزمۇن ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا. 

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل ليۇ خۇڭتاۋ (ئوتتۇرىدا) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل زويا باقىت (سولدىن 1 - كىشى) سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ سانىنى ئاساسىي قاتلامغا ۋە دېلو سانى كۆپ جايلارغا مۇۋاپىق تەڭشەش - كونترول قىلىشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل جېڭ يۈفېڭ (ئوتتۇرىدا) يېڭى دەۋردىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى پۇختا،  ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل جاڭ شىن (ئوتتۇرىدا) قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل گو خۇڭچۈەن (ئوتتۇرىدا) دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يىغىن ئارىلىقىدا، ۋەكىل مىن شياۋچىڭ (ئالدىنقى رەت سولدا) بىلەن ۋەكىل جاڭ شىن تەكلىپ مەزمۇنى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.