تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنىڭ دۇنياغا ئېيتقان كۆڭۈل سۆزلىرى

□جيې ۋېنجىن

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىۋېتىلگەن ئۆمەك، گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. يىغىن خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرى بالدۇرلا كېلىپ يىغىن زالىغا لىق تولدى، بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى، ئورۇن تاپالمىغانلار يەردىلا ئولتۇردى، ياكى ئايلىنىپ يۈرۈپ مۇخبىرلىق قىلدى، ئومۇمەن كۆپچىلىكتە: قەيەردە تۇرۇش مۇھىم ئەمەس، ئاچقۇچ نەق مەيداندا بولۇش، دەيدىغان ئورتاق تونۇش بار ئىدى.

بۇ ئېچىۋېتىلگەن ئۆمەك، گۇرۇپپا يىغىنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە زور جەلپكارلىققا ئىگە؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئېچىلدى، «ئۈچ تۇنجى قېتىم» قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن يېپيېڭى ئېچىۋېتىش سىگنالى پۈتۈن يەرشارى تاراتقۇلىرىدىكى دوستلار تەرىپىدىن سەزگۈرلۈك بىلەن بايقالدى. ئېچىۋېتىلگەن ئۆمەك، گۇرۇپپا يىغىنىدىكى ئاچقۇچ ئېچىۋېتىشتە. كەسىپداشلار بۇ قېتىمقى يىغىندا چوقۇم تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلدى.

دەرۋەقە شۇنداق بولدى. نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار مەيلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بولسۇن ياكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن ئەمگەكچىلەر بولسۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ ئېيتقانلىرى گەرچە ئوخشاش مەزمۇندا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى، سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى بار سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي كۆڭۈل سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى يىغىن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، مول مەزمۇنلۇق بولدى، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ۋەكىللەر دۇنياغا بۈگۈنكى شىنجاڭ توغرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئورتاق تونۇشنى يەتكۈزۈشنى ئويلىدى ياكى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر خىل ئىشەنچنى ئىپادىلەشنى ئويلىدى − مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقىقىي شىنجاڭنى بارغانسېرى تولۇق تونۇغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ پۇقرالارنىڭ ئېيتقانلىرى، بۇ كۆڭۈل سۆزلىرى سەمىمىي كىشىلەرگە ئېيتىلغان.

بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، كۆڭۈل سۆزلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن ئەمەلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى، مەدەنىيەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، جەمئىيەت تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولسىمۇ، ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ئىككى ئىش: بىرى، شىنجاڭ تىرىشىپ قىلغان ياكى قىلىۋاتقان ئىش؛ يەنە بىرى، شىنجاڭ پىلانلىغان ۋە تىرىشىپ ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىش. ئالدىنقى ئىش ۋەكىللەر تەمىنلىگەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئېنىق نامايان قىلىندى؛ كېيىنكى ئىشنى شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلار ئالدىدا دادىللىق ۋە خۇشاللىق بىلەن سەمىمىي، ئوچۇق - ئاشكارا سۆزلىدى، ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى ئىش بىرلا ۋاقىتتا يەنە پىتنە - ئىغۋا توقۇپ، تۆھمەت قىلىپ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنغان نومۇسسىزلارغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.

شۇنى تېخىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىككى ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى قىلىشتىكى ئەڭ نېگىزلىك مەقسەت: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى بارغانسېرى ياخشى پۈتۈش؛ پۈتۈن يەرشارى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۈپىتىنى بارغانسېرى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ ئۈچ نىشاننى «ياخشى» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ، ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ ئورتاق ۋەدىمىز، ئورتاق كۆڭۈل سۆزىمىز.

ئاخىرىدا، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، شىنجاڭدا ئۇچرىشايلى، دۇنيانى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.