تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

جۇڭگو ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى جەزمەن ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».

ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىشتا زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بىر تۈركۈم زامانىۋى سانائەت تۈرلىرى تېز قۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم مىليون دەرىجىلىك، 10 مىليون دەرىجىلىك كەسىپلەر توپى تېز شەكىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىستىقبالى نامايان قىلىندى.

زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاش

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش پەيتىدە، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكىدىن خۇش خەۋەر كەلدى: دۆلىتىمىزدىكى لايىھەلىنىشى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان تۇنجى ئىلمىي ئىزدىنىش قۇدۇقى − چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاسىيادىكى تۇنجى تىك چوڭقۇر قۇدۇق بولۇپ قالدى.

«چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى چوڭقۇر يەر قاتلىمى نېفىت - تەبىئىي گاز پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاش - چارلاش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق چوڭقۇر يەر قاتلىمى چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك.

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىكلەرنىڭ بىرى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر يەر قاتلىمى دۆلىتىمىز ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ %58ى 6000 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدىن كېلىدۇ. ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: نېفىتچىلار «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، «يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۈرۈش قىلىش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، چوڭقۇر يەر قاتلىمى، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن باسار بايلىق شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

تارىم نېفىتلىكىدە چوڭقۇر يەر قاتلىمىدىكى، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ نېفىتلىكى پەۋقۇلئاددە بايلىق − سلانېتس قاتلىمىدىكى نېفىت، قورام تاش قاتلىمىدىكى نېفىت قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قوزغىماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زىچ قورام تاش قاتلىمى نېفىتلىكى − ماخۇ نېفىتلىكى ۋە 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس قاتلىمىدىن نېفىت ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە، چۆل - باياۋاندا بۇرغىلاش ماشىنىلىرىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ياڭرىماقتا.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 32 مىليون 701 مىڭ توننىغا يېتىپ، %1.6 ئاشقان، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 41 مىليارد 730 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، %2.5 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇرغان.

بايلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەۋزەل كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش» «تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت چوڭ تىپتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم 2 - قارارلىق ئېتىلېن تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە، جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى ئارېن قۇرۇلمىسىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يەتكۈزۈش ۋە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش ھەم تېرېفتالىك كىسلاتا تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ۋە پارچىلىنىدىغان سولياۋ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، «بىر تامچە ماي» «بىر كۇپ گاز»دىن «بىر پارچە رەخت» «بىر قۇر كىيىم»گىچە تەدرىجىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇپ»لا قالماي، جۇڭگو نېفىتى قاراماي نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە «تەييار ماي مەھسۇلاتىنى ئازايتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خاس مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش»قا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سىكلوئالكىل سىلىقلاش مېيى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئاق ماي ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇردى، ئۇلار ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان TSB45 ئالاھىدە تىرانسفورموتور مېيى دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا بېكىتىلگەن مەھسۇلات؛ ئالىي دەرىجىلىك ئاق ماي يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى(FDA)نىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتتى، مۇھىت قوغدايدىغان بالون كاۋچۇك مېيى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىت قوغداش قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارا بازارغا كىرىش يول خېتىگە ئېرىشتى.

كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش

2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك».

خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى مېتال كان ياتمىسى مەركەزلەشكەن رايون بولۇپ، نۆۋەتتە 61 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى. نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا تېز تۈرتكە بولۇندى، 2023 - يىلى، خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئېچىش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى رەڭلىك مېتال كەسىپ باغچىسى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جىسۇن لىتىي كەسپى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، چۆل - باياۋاندا، ھەر خىل ماشىنا - ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، نەچچە مىڭ قۇرۇلۇش خادىمى زاۋۇت ئۆيى ۋە ئىشخانا بىناسى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇۋاتاتتى، بۇ، ئەتراپتىكى يېمەك - ئىچمەك، تۈرلۈك مال ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى، باغچە رايونى ئالدىدا يېڭى كىچىك كەچلىك بازار شەكىللەندى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى، بۇ يىل شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، خوتەن خوشاۋيۈن 10 مىليون توننا دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي مىليون توننا دەرىجىلىك ئاز ئۇچرايدىغان مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق كانلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قارا مېتال، رەڭلىك مېتال، ئېنېرگىيە مېتاللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياساش كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى بۇ يىل چوڭ يۇلغۇنساي قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدى، دېڭىز يۈزىدىن 4600 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى كوئېنلۇن تاغلىق رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار قاتتىق سوغۇق، ئېگىزلىك تەسىرىنى يېڭىپ، تۈرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئىشلىمەكتە. «بۇ تۈر شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى كىرگۈزۈشنى بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.» شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تۈرتكە بولىدۇ.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى تىيانشان تېغى ۋە كوئېنلۇن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ شەكىللەنگەن كان بەلبىغىدا ھەرخىل قېزىلما بايلىقتىن جەمئىي 24ى بايقىلىپ، زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، دايې رەڭلىك مېتال گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بايلىق ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قېزىلما بايلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەسلىي كان زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرىنى تولۇقلاش، زەنجىرىنى كۈچەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۆۋەنكى ئېقىندىكى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى زور كۈچ بىلەن ئۇزارتىپ، ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى. زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالدىن قوللاش، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت باشقۇرغۇچى كادىرلارنى ئالدىن تەربىيەلەش ۋە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت «تۆت ئالدىن» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى 2000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، «تولۇق ھەزىم قىلىش»

شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40.6ىنى ئىگىلەيدۇ، بايلىق مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش تېزلىتىلدى، 2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 62 مىليون 570 مىڭ توننا بولدى، ئىشلەنمىگەن تاش كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 457 مىليون توننىغا يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.7 ئاشتى، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، %26.7 ئاشتى.

«دۆلەت زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، كۆمۈردىن ئولېفىن، پولىكاربونات، پارچىلىنىدىغان سولياۋ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن.

كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى قويۇپ بەرگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئىلگىرى ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بۇلغىنىش مەسىلىسى ئىدى، لېكىن ھازىر CCUS (كاربون يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەش) تۈرى ئارقىلىق كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى كېرەكسىز گازدىن گۆھەرگە ئايلاندى.

ھازىر، جۇڭغار ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق جايلاردا كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى قويۇپ بەرگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى شىنجاڭ نېفىتلىكىگە ئېلىپ بېرىلىپ نېفىت ھەيدەشكە ئىشلىتىلدى؛ قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك سانائەت باغچە رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كاربون پەن - تېخنىكىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتى سەنتاڭخۇ نېفىتلىكىگە ئېلىپ بېرىپ نېفىت ھەيدەشكە ئىشلەتتى.

كۆمۈرنى «تولۇق ھەزىم قىلىش» ئۈچۈن، 2023 - يىلى، شىنجاڭ كۆمۈر سىستېمىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مېتال قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ ساقلىنىش، تارقىلىش قانۇنىيىتى ۋە چارلاش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتى بويىچە مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى باشلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت 305 تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما خۇادۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ تەركىبىدە گاللىي، گېرمانىي، رېنىي، ئۇران قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئىستىقبالى پارلاق، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر تەركىبىدىكى ئۇران، رېنىي، گاللىي، گېرمانىي قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك مېتال قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر - ئېلېكتىر - كۆمۈر كۈلى - كۆمۈر سىستېمىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مېتال قېزىلما بايلىق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شىنجاڭدا نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر بايلىقى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپلا قالماي، شامال، يورۇقلۇقنى ئاساس قىلغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2023 - يىلى، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 22 مىليون 610 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 64 مىليون 431 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %44.6ىنى ئىگىلىگەن.

2023 - يىلى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كۇچا يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىپ چىقىرىلغان يېشىل توك ئارقىلىق يېشىل ھىدروگېن ئالغاندىن كېيىن، تۇرۇبا ئارقىلىق جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يەتكۈزۈلۈپ، تەبىئىي گازدىن ھىدروگېن ئىشلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئەنئەنىۋى تاشقاتما ئېنېرگىيەسىنىڭ باغلانما تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، شىنجاڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.