تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى «ئىككى ئالىي مەھكىمە» دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە» دوكلاتىغا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھلىل قىلىنغان، خىزمەتلەر ئىلمىي، ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىككە، قانۇنچىللىق سالمىقىغا، خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە پائال كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك «قانۇن يۈرگۈزۈش جاۋاب قەغىزى»نى تاپشۇردى.

ئەزا دوۋ گاڭگۇي مۇنداق قارىدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە» دوكلاتىدا پاكىت ئارقىلىق سۆزلەش، سانلىق مەلۇماتنى تىرەك قىلىش، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئىزاھلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىپتۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. بولۇپمۇ دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى شەخس ۋەيران بولۇشقا دائىر تۇنجى دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇش، سېتىلىپ بولغان تاۋار ئۆينى تاپشۇرۇش قىيىن بولۇش ماجىراسىدىكى ھەقدارلىقنى تۆلىتىۋېلىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپتۇ.

قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى. ئەزا ليۇ ۋېي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەۋقەنى ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا قويۇپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىرلەر ليۇ ۋېينى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى 27 ماددىلىق پىكىرنى تۈزۈپ، قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش پىرىنسىپىنى قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئايرىم دېلولارنى بېجىرىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن ھېسسىيات ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئۆز ئادىمى بىلىپ، كارخانىچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلىك تىكلەش، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، كۆڭلى توق تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ئەزا مۇختەبەر ئابدۇل مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «ئەگەر مەن دەۋا قىلسام» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە بىر قاتار ئىجادىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش قىممەت ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى يولغا قويۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغان بولسا ياكى شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسى چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن دىياگنوز قويۇش - داۋالاش قىيىن بولغان بولسا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دوختۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كەڭ داۋالاش خىزمەتچىلىرىگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

ئەزا ما خۇادۇڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقئارا سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋا بىلەن كېسىم، مۇرەسسەنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ما خۇادۇڭ مۇنداق قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارادا قانۇنچىللىقتىن پايدىلىنىش ۋە قائىدە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئېھتىياجى تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سودا تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدىغان چەت ئەلگە چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ قانۇنچىللىق ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.