تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

قاراپ چىقىشتا، ۋەكىللەر پائال سۆز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. ۋاڭ كۇيرەن، دۆلەتمەن كەمىك، مىنەۋەر ھەبىبۇللا، قۇربان نىياز، زويا باقىت، دىلمۇرات ئەسمىتۇللا، جۇ گۇاڭلەن، جېڭ يۈفېڭ، ما يانەن، ئۆمەرجان قۇربان، گۈلمىرە دۆۋلەت، لى لەن، لى يۈنفېي، نۇربىيە سىيىت قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، كۈچلۈك سىياسىيلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، خەلقچىللىق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى، چوڭ پىرىنسىپى، چوڭ داۋلىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتا قەتئىي، كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە قانۇن چىقىرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق تاپشۇرغان شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ھەقىقىي تۈردە سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ۋە ئىجادىي پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.