تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىشىلەر قەلبىنى ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا ھەم ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

كىشىلەر قەلبىنى ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا ھەم ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويۇلغان كونكرېت تەلەپ، ھەم بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى كۈچلۈك يېتەكچى. باش شۇجىنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، تېز يېتىشىۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىگە پائال يۈزلىنىپ خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى، جەڭ قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەر بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، جياڭ شىنجۈن، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، دۇ خۇڭيەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.