تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەزا مېي يۈ «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ ھېكايىسىنى بايان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىللاردا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھارماي ـ تالماي قىلغان بىر ئىشى سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق، ئىلمىي پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش بولدى.» 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى سەھەردە، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى مېي يۈ «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىرىنى قانداق ياخشى ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەمبەھرىلەپ، جۇڭگو ـ چەت ئەل تاراتقۇلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

شۇ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنىنىڭ 2 ـ مەيدان «ئەزالار يولى» ئېچىلدى. مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئەزا مېي يۈدىن مۇنداق سورىدى: «سۇ بايلىقىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنىڭ قانداق سىرى بار؟»

مېي يۈ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى، ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردى. «سۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، شىنجاڭ ئىنتايىن ئالاھىدە، شىنجاڭ تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى قۇرغاق رايون، شىنجاڭ بويىچە كىشى بېشى سۇ بايلىقى مىقدارى 3227 كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، لېكىن بىرلىك كۆلەمدىكى ھاسىلىي سۇ مىقدارى 51 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالتىدىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ» دېدى مېي يۈ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، شىنجاڭدا سۇ كەمچىل بولۇش ئاساسلىقى زامان ـ ماكان جەھەتتىكى تارقىلىش تەكشى بولماسلىق ئېلىپ كەلگەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىللىك ئىكەن. كىشى بېشى سۇ بايلىقى مىقدارى جەھەتتە شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، «سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى» «سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچىلىك زور بولىدۇ» دېگەن قاراش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. سۇ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا، ئاچقۇچ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىشتا.

مېي يۈ مۇخبىرلارغا «بەخت سۈيى» ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ پىل كەنتى ئېگىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 116 ئائىلىلىك تاجىك چارۋىچى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۇرمۇشتا سۇ ئىچىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، يازدا نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دەريادىن سۇ ئېلىپ كېلىدۇ، قىشتا مۇزنى ئېرىتىپ سۇ ئىچىدۇ.

«2023 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، مەن پىل كەنتىگە بارغاندا، كەنت ئاھالىلىرى مېنى ئۆيلىرىگە باشلاپ بېرىپ، جۈمەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا، بۇ، ئائىلىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، بىز تاتلىق <بەخت سۈيى> ئىچەلەيدىغان بولدۇق! دېگەنىدى» دېدى مېي يۈ ئەسلەپ تۇرۇپ.

پىل كەنتى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا مەكتەپكە بېرىشتىكى «كۆككە تاقاشقان يول»ى بىلەن تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى. يول راۋان بولمىغاچقا، پىل كەنتىدە توك، تۇرۇبا سۈيى، خەۋەرلىشىش سىگنالى يوق ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بۇرغىسىغا ئەگىشىپ، پىل كەنتىنىڭ قىياپىتى ئاللىقاچان ئۆزگەردى.

مېي يۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018 ـ يىلى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت 13 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ كەنتنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 110 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. پۈتۈن شىنجاڭدا پىل كەنتىگە ئوخشاش كەنتتىن جەمئىي 67سى بار، بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئىچىدىغان سۇ بويىچە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. «13 ـ بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 19 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بىخەتەر سۇ ئىچىش بويىچە مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش تۈرىدىن 1428ى يولغا قويۇلۇپ، 3666 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىندى ۋە مۇستەھكەملەندى، ئۆستۈرۈلدى.

«ھەر مىللەت ئامما ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىدە غەم قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، خاتىرجەم بولۇش، كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش ۋە قەلبلەرنى ئىللىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» بۇنداق ئۆزگىرىشلەردىن مېي يۈ قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ھەسسىلەپ خۇشال بولدى.

سۇ بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. مېي يۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى گۇچۇڭ ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقى كەمچىل رايون، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. بۇ ناھىيەنىڭ بەنجېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى 25 مىڭ مو تېرىلغۇ يەردە، ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەس قىلىش، تۇرۇبىلاشتۇرۇش تاماملىنىپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، باشقۇرۇشتا يان تېلېفوندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلىدا ئۇدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

«بۇ كەنت نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، رايون ھالقىپ 200 مىڭ مو يەرنى ھۆددە ئالدى، بۇلتۇر كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 4 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشى كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى» دېدى مېي يۈ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا 105 مىليون 580 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 62 مىليون 850 مىڭ موغا يېتىپ، سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.576گە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ 2023 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى. سۇ ئىشلىرىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

«شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلساقلا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!» جۇڭگو ـ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تېلېكامېراسى ئالدىدا مېي يۈنىڭ سۆزلىرىدىن قەتئىيلىك ۋە ئىشەنچ نامايان بولۇپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.