تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى ۋە تەكلىپ بەردى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ياكى گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، «خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر»گە جاۋاب قايتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى ۋە تەكلىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتا بولدى. «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش. شىنجاڭدا كارخانا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسى نىسبەتەن يېتەرسىز، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بىرقەدەر كەمچىل، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت.» ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەقسىملەش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش ۋە ھەمكارلىشىپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئەلالاشتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان تېخنىكا سودىسى چوڭ بازىرىنى قۇرۇپ، كەسپىي يېتىلدۈرۈش ئاپپاراتى بەرپا قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، ئەزالار پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. «ھازىرقى باسقۇچتا، ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش جەھەتتە، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە بىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ بايلىقى كۆپ بولماسلىق، خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلى بىرقەدەر ئەنئەنىۋى، يەككە بولۇش، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا.» ئەزا لياڭ يۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالىي مەكتەپ، ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر مۇھىم ئۇل مەسىلە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي مەنزىرە، مەشھۇر ئاسارئەتىقە، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىقلارغا تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە بىر تۈركۈم تەربىيە ـ ئەمەلىيەت بازىلىرىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار، مائارىپ، داۋالاش، مۇھىت قوغداش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى... ئەزالار ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ بېرىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلدى.

«ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا.» ئەزا جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: ھازىر، يېزا ـ كەنت ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاقىل يېزا ئىگىلىكى رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

«سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا پەسىل شامىلى كۈچلۈك، كۈن نۇرى يېتەرلىك، شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، لېكىن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتى ھەم ئالاقىدار توك يەتكۈزۈش تورى كەمچىل بولغاچقا، نۆۋەتتە تورلاشتۇرغىلى بولىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۈچتىن بىر قىسىمغىمۇ يەتمەيدۇ.» بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەزا ياڭ جيې سانجى ئوبلاستىنىڭ «مورىنىڭ جەنۇبى، جياڭجۈنمياۋ، ۋۇسەيۋەننىڭ شىمالى»دىن ئىبارەت 750 كىلوۋولتلۇق ئۈچ توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

قانداق قىلىپ «سولياۋ يوپۇق قالدۇقىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە.» ئەزا ۋاڭ ۋېي بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سولياۋ يوپۇق رېتسېپىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش تۈرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سولياۋ يوپۇقنىڭ كېۋەز، قوناق، كۆكتات تېرىقچىلىقىدا قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئەزا ساڭجيې جاسو ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى. «سىياسەت ۋە مەبلەغ كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كەسپىي خاراكتېرلىك، قاراتمىلىق تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى ئۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.