تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«AR، VR قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ ئاسارئەتىقىلەرنى تايانچ قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك».

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك».

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ ئۇللۇق، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى كېلىشىۋالغاندەكلا بۇ تېمىنى تىلغا ئالدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلارنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

ئىشنى ئىنچىكە نۇقتىدىن باشلاپ تۇتۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. مەيلى قانۇن ـ نىزام ياكى سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى چىقىرىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش ـ بولماسلىقنى باش ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك.

ئاچقۇچ تۇتۇلۇپ، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولۇندى، تۇتقا تۇتۇلۇپ، باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى نۇقتىدىن كۆزلەپ، ئىشنى ئىنچىكە نۇقتىدىن باشلاپ تۇتۇپ، باشتىن ـ ئاخىر دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈردى.

2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇنىڭغا «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نىزام چىقىرىشتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» دېگەن بىر ماددا يېڭىدىن قوشۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ۋاراقلىساق، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش» بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىجادىي كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نۇقتىلىق قارالمىسىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچىدۇ.

يالغۇز بۇلا ئەمەس، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»مۇ چىقىرىلغان تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىرىدە: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى پۇقراۋى كارخانىلارغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش» ئېنىق بەلگىلەندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى...

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش تۇرپاننىڭ ئىزچىل تىرىشىش نىشانى. بۇلتۇر تۇرپان پۈتۈك، تام رەسىمى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق مۇزېي توپى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، تۇيۇق، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق قەدىمىي كەنت، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن تۆتنى بەرپا قىلىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + بايرامنى تەبرىكلەش» بويىچە كۆرەك، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

جەمئىيەت تەكشۈرۈش نەزەرىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ زۆرۈر دەرسى. 2023 ـ يىلى، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر 15 تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتتى، مەزمۇنى ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشى، قىزىل مەدەنىيەت ھەم شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ياڭ لى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىشنى كۈچەيتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش

«بىنەپشە رەڭ تۇمان ئۆرلەر ئىسرىقدانغا كۈن چۈشسە، ئېسىلغان شارقىراتما تىك يىراقتىن ماڭا كۆز تىكسە...» قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى بازىرى دۆڭجاي كەنتى ياش ـ ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە توختىمەمەت دۆلەت ئورتاق تىلىدا «لۇشەن شارقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش» ناملىق قەدىمىي شېئىرنى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇنداق كۆرۈنۈشنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، «ئانار گۈلى . كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش . ئائىلە بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى بىللە ئۆگىنىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان، قوللىنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىلدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. ئۇ مۇنداق قارىدى: دەۋر ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ئەندىزىسىمۇ يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. 2023 ـ يىلى، قۇربان نىياز شىنجاڭ داشۆ كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكا شۆيۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆگىنىش يۇمشاق ماتېرىيالىنى ئاچتى، ياش، ئوتتۇرا ياشلىق دېھقان ـ چارۋىچىلار يان تېلېفون ئارقىلىقلا دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش. شىنجاڭدا قالتىس نومۇرلار ئارقا ـ ئارقىدىن قويۇلۇپ، يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى. 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمى، شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى، شىخو پىۋىسى مۇزىكا بايرىمى، «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى... «شىنجاڭنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ـ بايرام پائالىيەتلىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنى شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەن كەيپىيات ئىچىدە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، تونۇشنى ئاشۇرۇش، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۈيجۈن.

2023 ـ يىلى، «مۇزېي قىزغىنلىقى» سىجىل قىزىپ، شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 1 مىليون 560 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ تارىم ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسىدىن 120سى، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدىن ئالتىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدىن ئونى قۇرۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.» بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى.

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

«راستتىنلا پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ كەلدۇق!» 2023 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى كەچتە، خوتەندىن بېيجىڭغا ئۇچقان CA9662 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان پايتەخت ئايرودۇرۇمىغا ئاستا ـ ئاستا قونغاندا، گۇما ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە مەمەتقادىر ۋە ساۋاقداشلىرى ھاياجانلانغان ھالدا دېرىزە سىرتىغا قاراپ: «بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، كۆپ كۆرۈپ، كۆپ ئاڭلاپ، كۆپ ئۆگىنىمىز...» دېدى.

پاتىمە مەمەتقادىر ۋە ساۋاقداشلىرى 2023 ـ يىللىق ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلىرىنىڭ بېيجىڭ يازلىق لاگېرىغا قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن 30 نەپەر ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈر ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ ھەمدە بېيجىڭدىكى ياش ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن بىرلىكتە مەشھۇر جايلار ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھېس قىلدى، بىر قاتار ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىگە ئورتاق قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.

2023 ـ يىلى، شىنجاڭدا «تەتقىقات ـ ئۆگىنىش ساياھىتى» ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. پاتىمە مەمەتقادىر ۋە ساۋاقداشلىرىلا بېيجىڭغا بېرىپ قالماي، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600 نەپەر ھەر مىللەت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بېيجىڭغا باردى. ئۇلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلىرى يازلىق تەتىللىك تەتقىقات ـ ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. شىنجاڭدا بالىلار يەنە بەس ـ بەستە مۇزېي، خاتىرە ساراي قاتارلىقلارغا بېرىپ، سەيلە ـ ساياھەت جەريانىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

قەلب رىشتىسى تۇتاشقاندا ھېسسىيات يۇغۇرۇلىدۇ؛ ئىرادە ئوخشاش بولغاندا كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ. گۈزەل شىنجاڭنىڭ تاغ ـ دەريالىرىدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلغاندا، شادلىققا چۆمۈپلا قالماي، يەنە «ئانارگۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلغان» جانلىق مەنزىرىگە گۇۋاھ بولغىلى بولىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابلا مۇنداق قارىدى: ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

بۇلتۇر شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 265 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ھەر مىللەت ئامما ساياھەتنى كۆۋرۈك قىلىپ، قىزغىن مۇلازىمەت ۋە تاماشا قىلىش، بەھۇزۇر سەيلە قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىنى ئورتاق چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. بىر يىلدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆپ خىل شەكىلدە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ھەربىر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت (مەھەللە)لەردە ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەر كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى، ھەر مىللەت خەلق بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىش قىلىپ، بىللە كۆڭۈل ئاچتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى دائىم پورەكلەپ ئېچىلدى.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باشتىن ـ ئاخىر بىر مەقسەت ـ بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.