تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت ـ بايلىق ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقلابىي كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت ـ بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

«نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلدىم، ئىنتايىن روھلاندىم، باش شۇجىنىڭ داھىيلىق سالاپىتى ۋە خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى سۇڭ ياجۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، «باش شۇجى ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى، بۇ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالار ۋە كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

«گېئولوگىيە پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى يەرشارى ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم پەن ـ تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ ۋە زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنى يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

بۇ مەزگىلدە، كۆكتوقاي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى جۇماتاي قاجىباي ھەرقايسى يېزا ـ بازارلاردىكى ئېتىز ـ ئېرىق، پارنىكلار ئارىسىدا يۈرۈپ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىغا كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىيدىغان بىر يول ئېچىپ بەردى. «بۇنىڭدىن كېيىن مەن باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئېتىز باشلىرىغىچە يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي تۈردە زىممەمگە ئالىمەن» دېدى ئۇ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۆلەتمەن كەمىك تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە مۇزلۇق، قارلىق تاغ ھەممە جايغا تارقالغان، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى بىرقەدەر ئاجىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقىنىڭ زورايتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ناھىيەدىكى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. «باش شۇجى تەكىتلىگەن <يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى پۇختىلاش>نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېدى ئۇ.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو لىڭ، ليۇ شياڭ، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جىنلياڭ، ۋاڭ خۇڭلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.