تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىككى يىغىن . سۈرەتلىك ئۇلىنىش | ئۇلارغا ئېھتىرام!

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئايال ۋەكىللەر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خەلق سارىيىغا قاراپ ماڭماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

   ئۇلار ئوقۇتقۇچى، يېڭى دېھقان، تېخنىك ... مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، جايلار، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

   «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن بۇ پەيتلەردە، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ۋەكىل مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭچياڭ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ۋەكىل لى رۇيفاڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مىللىيچە كىيىنگەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خەلق سارىيىغا قاراپ ماڭدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فېي ماۋخۇا فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ۋەكىل شيا خۇا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋەكىل ۋاڭ چيۇڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا ماتېرىيال كۆرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭچياڭ فوتوسى

6 - مارت، ۋەكىل لى شياۋشيا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مۇ يۈ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياڭ ليۇ ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدىن بۇرۇن، ئەزا ۋاڭ خۇڭلىڭ (سولدا )، ئەزا جاڭ چىڭيىڭ (ئوتتۇرىدا) ۋە ئەزا چۈجيې (ئوڭدا) پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ۋەكىل شۈ ياۋ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا يىغىن ئاڭلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋەكىل گۇ ۋېييىڭ بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا ئىمزا قويغاندىن كېيىن كىنىشكىسىنى تاقىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭچياڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.