تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا نامايان قىلىنغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر تەستە قولغا كەلگەن، نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى ۋە خىرىسقا دادىل بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان جاسارەت، غەيرەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ كىرىزىسنى تۈگىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، تەرەققىيات نىشانى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز.

دوكلاتتا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ئېنىق، روشەن بولدى، ئەزا ليۇ ۋېي بۇ ئابزاسنىڭ ئاستىغا ئالاھىدە بەلگە سېلىپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا باغلىق. پۇقراۋى كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدە، شۇنداقلا تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدە. بۇنىڭدىن كېيىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز ۋە ئەۋزەللىكىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئەزا ليۇ تاۋ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، خىزمەت كۈچەش نۇقتىسى ئەمەلىي، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا: بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ 11 مىليون 700 مىڭدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چەت - يىراق رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەربىيەلەش بازىسى سانى ۋە تەربىيەلەش پىلانىدىكى نورمىنى كۆپەيتىپ، تەربىيەلەشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ تەدبىر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەزا يۈكسەك شىجائەتنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. «بۇلتۇر، مەن ئىككى قېتىم <ئانار دانىسى> مەدەنىيەت شۆبە ئەترىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى تەربىيەلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ خاس مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقات ئەترىتى قۇرۇشىغا ياردەملەشتىم. مەن داۋاملىق تۈردە تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلق ئارىسىدىن كەلگەن ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمەن» دېدى ئۇ.

ئەزا باۋ ئەنمىڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا، «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش» «رەقەملىك، يېشىل، يېڭىلىق يارىتىش، ساغلاملىق، مەدەنىيەت - ساياھەت، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. دۆلەتنىڭ شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى مەنزىرىسىنى يارىتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا ئايرىم - ئايرىم مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.