تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باھار شامىلىغا تايىنىپ يېڭى يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

باھار كېلىپ ھەممە شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى. پايتەخت بېيجىڭدا ھەممە كۆز تىكىۋاتقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ.

2000 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭدا قار - مۇز ئېرىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا «باھار» قەدىمى تېزلىتىلدى، ئىستېمال بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا... باشلىنىش بىلەنلا تېز ھەرىكەتكە كەلدى، ئەمەلىي ئىشلەپ باش باھارنى كۈتۈۋالدى. ئېچىۋېتىلگەن، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ ھازىر يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلماقتا.

ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرىغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە باش شۇجى باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان تاپشۇرۇق 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق داھىيسىگە بولغان ھۆرمەت ۋە قەدىرلەش ھېسسىياتىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە پۈتتى.

سەمىمىي تاپشۇرۇق

شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

«مەن شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم» «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇشى كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكتى، چوڭقۇر ئۈمىد باغلىدى.

2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈپ كەلگەن بۇ تۇپراققا قەدەم قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى. باش شۇجى ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەكتەپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، مۇزېي، بۇيلۇققا بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىزچىللىشىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، 8 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك.» سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇزاققا سوزۇلغان ۋاقىت ئېقىنىغا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر قېتىم بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول باشلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا ئىككى قېتىم كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، كۆپ قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم سالمىقىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، سەمىمىي تاپشۇرۇققا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ھەيۋەتلىك شەرق شامىلى تىيانشاننى ئىللىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى.

«2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سېلىنما، ئىستېمال، ئىمپورت - ئېكسپورت، مالىيە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: بۇنداق نەتىجىلەر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئىنتايىن تەستە قولغا كەلگەن.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەممىلا جايدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتۇقكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول. كەڭ كادىرلار، ئامما «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى، يېڭى قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى.

كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش

تۈرلۈك ئىشلاردا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى. «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك»، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئورنى، رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەۋزەل شارائىتنى ئىگىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ «سۇ ئىشلىرى»نى تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە ئىشلەشتىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە... تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئارتۇقچىلىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى.

− زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى.

شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلدى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كۇچا يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئۆسۈپ يېتىلدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق كەسىپلەر گۈللەندۈرۈلدى، تۈرلەر چىڭ تۇتۇلدى. 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدىكى «1 + 36 + 8 + 1» سىياسەت سىستېمىسى رەسمىي نامايان قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - پەسىللىك چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئوخشاش بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

− بىپايان يېزا - كەنتلەر چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى. بۇلتۇر ئاشلىق كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇلدىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى ئېشىش مىقدارىدا بىردەك مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونلىرى قەد كۆتۈردى، شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى، كۆكتاتچىلىق كەنتى، ساياھەتچىلىك يېڭى كەنتى قاتارلىقلار يېتىشىپ چىقتى، يېڭى يېزىلار ئۈمىدكە ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى.

− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلاندى.

جۇڭگو شىنجاڭدا ئاسىيا بويىچە تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق تىك قۇدۇق بۇرغىلاپ چىقىلدى؛ خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى ماكانلاشتى؛ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىندى؛ شىنجاڭدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 1900دىن ئاشتى... شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىلغار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش - ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پەن - تېخنىكا، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.

− ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى.

«مەن ھازىر پېچ ئالدى ئىشچىلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتىمەن، رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئېيىغا 8000 يۈەن مائاش ئالىمەن، ئائىلىمىزگە يەنە بىرنەچچە قوي سېتىۋالالايدىغان بولدۇم.» بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى بۇلاق ئالدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نىيازئەلى مەخمۇت بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تېخىمۇ يېقىشلىق بولدى، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ تۆۋەن چېكى تولۇق مۇستەھكەملەندى، يەسلىلەردىكى ئوقۇغۇچى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلاندى... شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلەتتى. بۇ يىل يەنە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلىدۇ.

سىستېمىلىق تەپەككۇر كۈچەيتىلىپ، يىراق كەلگۈسى نەزەر تۇرغۇزۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىن باشلاپ، سىجىل تۈردە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ ۋە گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى پۇختا قەدەم بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.

ئالدىنقى سەپتە مەزمۇت تۇرۇش

ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش قىياپىتى بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئېچىش

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قەشقەردە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف ۋە ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى.

بۇلتۇردىن بۇيان، بۇنداق يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىش كۈنسېرى كۆپەيدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۆمەك تەشكىللەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا زىيارەتكە ئەۋەتتى، ئۆمەك تەشكىللەپ ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىغا ئەۋەتىپ، بىرقاتار ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

ئىلگىرى، شىنجاڭ يىراقتىكى چېگرا رايون، چەت، يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، يەنىلا مۇشۇ تۇپراق بولسىمۇ، تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، بۇنىڭ ئارقىسىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشى، ئىلمىي يېتەكچىلىكى مۇجەسسەملەنگەن.

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە.» 2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى قۇرۇشنى تېزلىتىش» كېرەك. بىر يىلدىن كېيىن، باش شۇجى يەنە شىنجاڭغا كەلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ: «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى سىستېمىلىق پىلانلىدى.

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشتى. «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 350 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورت قىممىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى؛ شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ نۆۋەتچى پويىز ماركىسى بولغان جۇڭگو − ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى... يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋەتتى.

مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇھىم تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. قىسقىغىنا تۆت ئايدا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايوندا يېڭىدىن كۆپەيگەن تىجارەت سۇبيېكتى 5000دىن ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا. «دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 2024 - يىللىق نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن.

سەككىز مىنۇتتا، شىنجاڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى − ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن باھار بايرىمىدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئورۇنلانغان «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» ناملىق نومۇر قىسقىغىنا سەككىز مىنۇتتا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نەچچە يۈز مىليون كۆرۈرمەنگە بىر مەيدان قالتىس ئېسىل كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلدى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى سالاپىتى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

«ئۈچ تۇنجى قېتىم» شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئوبرازىنى نامايان قىلدى − بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا، تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىندى، تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ دۇنياغا قىزغىن قۇچاق ئېچىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى نامايان قىلدى.

ياخشى دوستلار بىر يەرگە جەم بولدى، شىنجاڭ دۇنيانىڭ «مېھمان كۈتۈش زالى»غا ئايلاندى − «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن خېلىلا تېز بوپتۇ» دېدى كونگو(كىنشاسا)نىڭ جۇڭگودىكى سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مابېرې. بۇلتۇر 4300 نەپەردىن ئارتۇق خەلقئارادىكى دوست شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ھەممىدە ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولغان شىنجاڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئالدىنقى سەپتە مەزمۇت تۇرغان، شامالغا تايىنىپ ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئۆزىگە ئىشىنىش قىياپىتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىدە گۈزەل ئەتىگە قۇچاق ئاچماقتا.

تارام - تارام ئېقىنلار قوشۇلۇش

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

بۇ يىل باھار بايرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، قولۇم - قوشنىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ چۇنليەن يېزىپ، دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىپ، ئويما رەسىم ياساپ، يۈز ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى بىرلىكتە كۆرۈپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.

«يېڭى بىر يىلدا، بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز» دېدى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى»دىن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»كىچە، ئاندىن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش كېرەك»كىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەر مىللەت ئامما ئەستە چىڭ ساقلاپ كەلدى.

ئانا مەكتىپى كۆپ قېتىم ياخشى كۆڭۈل بىلەن رەت قىلغان بولسىمۇ، شىنجاڭلىق يىگىت مىرادىل مەمەتئابلا قەتئىيلىك بىلەن 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئانا مەكتىپى جياڭشى پەن - تېخنىكا شۆيۈەنىدە «ئانار دانىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تەسىس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن داشۆدىكى ۋاقتىمدا، ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەك كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەنىدىم، مەن ئانا مەكتىپىمگە بولغان مۇھەببىتىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەكتەپداش ئىنى - سىڭىللىرىمغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئويلاشتىم».

بۇ يىل 1 - ئايدا بۇرچىن ناھىيەسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان قېلىن قار يېغىپ، يول توسۇلۇپ قېلىپ، 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچى تۇرۇپ قالدى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارغا ماددىي ئەشيا تارقىتىپ بەردى، چارۋىچىلار تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيىدە تۇرغۇزدى، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قار مەنزىرىسىدىنمۇ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.

ئانار دانىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 4 مىليونغا يېقىن ياش - ئۆسمۈر باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن قوشماقلاشتى، دوستلاشتى؛ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى، تەربىيە بازىسى بەرپا قىلىندى، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ياشاپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا مېھىر - مۇھەببەتنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇردى...

ئىللىق ھېكايىلەر، تۈرلۈك پۇختا تەدبىرلەر جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇش ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى تېخىمۇ جانلىقلىققا، تەسىرچانلىققا ئىگە قىلدى.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. شىنجاڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. «بېنبا» ناملىق روماندىن «بوۋامنىڭ ساماۋارى» ناملىق ئۇسسۇلغىچە، شىنجاڭدا مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغىچە، ئامما ياقتۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ موللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول ھەم چوڭقۇر مەزمۇنى، ئۇزاق تارىخى تېخىمۇ تونۇتۇلۇپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شىنجاڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشىلىدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى.

تارىخ شانلىق ئۆتمۈشنى پۈتتى، ۋاقىت يېپيېڭى سەھىپە ئاچتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي. تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەيرىتى، شىجائىتى، جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.