تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

​ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، ۋاڭ گۇاڭخۇا يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ گۇاڭخۇا، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر گو فاڭ، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مىنىستىر ياردەمچىسى سۇڭ چىچاۋ يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى ۋە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بەس - بەستە سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش چوڭقۇر، سىستېمىلىق قاراش كۈچلۈك، سىياسەت - تەدبىرلەر ئەمەلىي بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تۇراقلىشىپ قايتا ئۆرلىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشاننىڭ تولۇق تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل لى شيەنفا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەم ئەمەلىي قىممەتكە تولغان نەتىجە قەغىزى، ھەم كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بىلەن تومۇرداش. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئاسانغا توختىمىغان يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، دۆلەت شىنجاڭدا ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدى، شىنجاڭ مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، تىنچ - ئىناق، گۈللەپ ياشناۋاتقان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

ۋەكىل تيەن شياڭلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئاڭلىقلىق تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىشەنچ، ئىرادە تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەت، مەيدان تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، تەستە قولغا كەلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى بىلەن، سىياسىي نازارەتچىلىك، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.

ۋەكىل چېن ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نىشان ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان، تۈزۈلگەن تەدبىرلەر دەل جايىدا، كۈچلۈك بولغان، سىياسىيۋىلىك، خەلقچىللىق، ئەمەلىيەتچانلىق، دەۋر خاراكتېرىنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇلۇغ بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنغان، خەلقنىڭ ئارزۇسى قاندۇرۇلغان، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى، ئېچىۋېتىشنىڭ يېتەكلەش كۈچى، مۇھىتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

ۋەكىل سارقىت ئاقان مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

ۋەكىل مەمتىمىن قادىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىدا مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەلىپى ۋە ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مىللەت، دىن جەھەتتىكى چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

ۋەكىل شۆ بىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، بۇرچنى جەزمەن ئادا قىلىدىغان ئىشەنچ ۋە ئىرادە، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزىدىغان، تەدبىر كۆرسىتىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان يىراقنى كۆرەرلىك، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىلمىي، دەل جايىدا بولغان يول - تەدبىرلەر، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، خەلقنى ئاساس قىلىدىغان سەمىمىي ھېسسىيات نامايان قىلىنىپتۇ. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز.

ۋەكىل جىن جىجېن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئاساسىي رېڭى تېخىمۇ روشەنلەشتى، نەتىجىلەر خەلققە تېخىمۇ نەپ يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەگە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ۋەكىل باتۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خىزمەتلەرنىڭ پىلانلىنىشى ئەمەلىي، خەلقچىللىق ھېسسىياتى چوڭقۇر بوپتۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تايانچلىق رول ئوينىشى، ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

شى گاڭ، غۇلامجان رېھىم، مەخمۇت ئۆمەرجان، ئېرشات تۇرسۇنباي، شىڭ گۇاڭچېڭ، مۇساجان غەيرەت، ئايدىن تۆلەۋقان، گو خۇڭچۈەن، ھاجىئەكبەر ئەيسا قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.