تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك​

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى   شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، يولى، پىرىنسىپ يۆنىلىشى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، باشتىن - ئاخىر تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى ئۆز ئەۋزەللىكىمىز ۋە ھازىرقى شارائىتىمىزغا قويۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق، رايون ئورنى، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۆنىلىشنى دەل جايىدا تېپىپ، پىلاننى ياخشى تۈزۈپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىلغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئامىللارنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىجىل تۈردە يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھاتلارنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان رايون ئىقتىسادى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك. غەربكە ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەتراپتىكى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى بۆلەك رايونلار ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، پەرقلىق رىقابەت، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بولۇپمۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شوئار توۋلاش، داغدۇغىسى بار ئۈنۈمى يوق بولۇش، ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، ئەمەلىي ئەھۋالغا باقماي كۆلىمى زور بولۇش ھەم چەت ئەلنىڭ ئۇسۇلىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدار - قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، جياڭ شىنجۈن، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، دۇ خۇڭيەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.