تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.» 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلايمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭنى ئىلغار ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي جەھەتتىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار ئاساسى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكا سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك 2 مىليارد يۈەنلىك پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش مەبلىغى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك پەن - تېخنىكا سېلىنما سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، يېشىللىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق قارىدى: ئېنېرگىيە چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، ئېنېرگىيە چوڭ رايونىدىن ئېنېرگىيە كۈچلۈك رايونىغا تېز ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق ھالدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى تارقىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلار، قانۇن قاتارلىق سۇپىلارنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، جان - دىل بىلەن پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىشى، كېڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بۇ ئىككى يىلدا، خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە تۆۋەن تېگىنلا كەنتى «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىپ كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرسۇنمەمەت روزىمەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۆت مو يەردىكى پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلغان بولۇپ، يىللىق ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. «بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ، بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىمەن» دېدى ئۇ.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، ۋاڭ شىڭرۇي، گو لىڭ، لى ياڭ، جاڭ جىلى، ليۇ شياڭ، ما يىنىڭ، يۈ جياڭيەن، گې يوۋجۈن، ياڭ شۇخەن، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن ۋېنشۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.