تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

سۆز پەرقلەندۈرۈش:​ سىز ئوماق كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلى ئىجادىيىتى

   بېشى قىزغۇچ سېرىق، بەدىنى يۇپيۇمىلاق، قارىماققا ئوماق كۆرۈنىدىغان بۇ قۇش، دەل كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە ئالتاي تېغى ئېتەكلىرىدە كۆرۈش پۇرسىتى بولىدۇ.

2021-يىلى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى چۆللۈكتە كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسىنىڭ سىيماسىنى بايقىغان. قۇشلار ئۈچ-تۆتتىن توپلىشىپ ئاپئاق قار قاپلىغان چۆللۈكتە تۇرغان بولۇپ، گاھ بېشىنى قار دۆۋىسىگە تىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىسە، گاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا قارايتتى، ناھايىتى ئوماق كۆرۈنەتتى. (ماتېرىيال سۈرەت)

   «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» (7-نەشرى)گە ئاساسەن، كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى خېتى (灰山鹑)دىكى «鹑» خېتى chún دەپ ئوقۇلىدۇ. كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى بىر خىل ئوتتۇرا ھال بەدەن تىپىدىكى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك بۆدۈنە بولۇپ، قاش سىزىقى، يۈزى ۋە بوغۇزى قىزغۇچ سېرىق كېلىدۇ، يىراقتىن قارىغاندا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يۈزى ئادەتتىن تاشقىرى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. يېقىن بېرىپ كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ قورسىقىدا ئات تۇيىقى شەكلىدىكى داغ پارچىلىرىنىڭ بارلىقىنى، قېنىق كاشتان رەڭ ۋە تۆمۈر كۈل رەڭ تەگ رەڭ ئىچىدە يەنە ئىنچىكە سىزىقچىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسىنىڭ ئەركەك-چىشىسىنىڭ تەقى- تۇرقى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەركىكىنىڭ پەيلىرىنىڭ رەڭگى تۇتۇق، جۇغىمۇ كىچىك كېلىدۇ.

   كۈلرەڭ تاغ بۆدۈنىسى شوخ مىجەزلىك بولۇپ، يۈگۈرۈش ۋە يوشۇرۇنۇشقا ماھىر، ئۇچۇشى تېز يەنە كېلىپ تۈز سىزىق بويىچە ئۇچىدۇ، لېكىن ئادەتتە ئانچە يىراققا ئۇچمايلا يەردىكى ئوت-چۆپلەر ياكى چاتقاللىقلارغا چۈشۈۋالىدۇ. بىراق، ئۇلار ھەقىقىي ئېتىز-ئېرىق قۇشلىرى بولۇپ، ئاساسلىقى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە چاتقاللارنىڭ يۇمران شاخ، يۇمران يوپۇرماقلىرى، بىخلارنى، گۈللەرنى، مېۋە، ئۇرۇق قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

​ (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.