تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى «كاشى خاۋۋېيداۋ»نىڭ داڭقىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تاراتتى

    3-ئاينىڭ 2-كۈنى، خېرىدارلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جياڭلەيمېي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدىن مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. بۇ شىركەت شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىسى بولۇپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىك، تېز توڭلىتىلغان يېرىم تەييار مەھسۇلات ھەم شىنجاڭنىڭ خاس قۇرۇق، ھۆل مېۋىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىششىقلاش، ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئەۋزەل يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، قەشقەرنىڭ مول يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بايلىقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خاس «كاشى خاۋۋېيداۋ» يېمەكلىكلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە مەھسۇلات ئوراش-قاچىلاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قەشقەرنىڭ خاس يېمەكلىكلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى.

(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات)

ئىشچى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جياڭلەيمېي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا لاۋۋۇرېن يۆبىڭىنى ئىشلىمەكتە.

ئىشچىلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جياڭلەيمېي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا پېچىنە-پىرەنىك تەييارلىماقتا. 

ئىشچىلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جياڭلەيمېي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئەمدىلا پىشۇرغان پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ئايرىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.