تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش

شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، گو لىڭ

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئېچىلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2023 - يىلىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىندى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس نۆۋەتچى پويىز ماركىسى بولغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى...

دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى تېزلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەر، ياڭراق گۈدۈك سادالىرىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئويغىنىپ، «ئالدىراش» ئەندىزە باشلاندى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ماللار جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزغا قاچىلىنىپ شىنجاڭدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يولغا سېلىندى.

بۇ جاي «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش مىقدارى ئۇدا بەش يىل يىلىغا 1000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشنى ساقلىدى، توشۇلغان ماللار 200 نەچچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 21گە يەتتى، ياۋروپا - ئاسىيادىكى 19 دۆلەت، 26 شەھەرگە تۇتاشتى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى كۈچ مەنبەسى بولۇپ قالدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ خېخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بايلىق تېز بىرىكتۈرۈلۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن سىستېمىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 كۆپەيدى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس نۆۋەتچى پويىز ماركىسى بولغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى.

تېخىمۇ يىراققا نەزەر سالساق، 2023 - يىلى، دۆلەت دەرىجىلىك پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى، يىپەك يولى ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرى مۇرەسسە قىلىش مەركىزى، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان يېڭى دورا «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماكانلاشتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمە سودا مەركىزى تىجارەت باشلىدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى؛ قورغاس شەھىرى − شىئەن قاتناش داشۆسى يىپەك يولى رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى، تۇنجى چەت ئەل مەبلىغىدىكى بانكا جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە ماكانلاشتى...

«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش دۆلەت شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يادرولۇق رايون تەرەققىياتىنىڭ تۇپرىقى ۋە مۇھىم ئامىلىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا.

«يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلىدى، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە سالمىقى مىسلىسىز بولدى.

يېڭى باھاردا قايتا ئاتلىنىش

كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان باھار كۈنلىرىدە، ئالاتاۋ پورتىدا يۈكلەر راۋان توشۇلدى، ئادەملەر ئالدىراش بولدى، سودا قىزىپ كەتتى.

«ھەرقايسى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقىرىدى، تىرانسپورت تەننەرخى يەنىمۇ ئازايدى». شىنجاڭ يىداتۇڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى چېڭ يىڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزدە ھەر كۈنى تۈرلۈك مال، ئۈسكۈنە قاتارلىق ماللار قاچىلانغان بەشتىن ئالتىگىچە ئاپتوموبىل چېگرادىن چىقىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ يىللىق تەرەققىياتقا تولۇق ئىشەنچى بار.

2023 - يىلى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «پورت ئارقىلىق ئوبلاستنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى، جىڭ - ئالاتاۋ تۆمۈريولى قوش لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تىجارەتكە كىرىشتۈردى، جىڭ . «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتۈش» ئەندىزىسى ئالاتاۋ پورتىدا رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخى %60 تۆۋەنلىتىلدى، ۋاقىت %90 قىسقارتىلدى.

«پورت ئىقتىساد بەلبېغى» يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۇتقىلارنىڭ بىرى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

2023 - يىلى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى تەرەققىياتنى تېزلەتتى، «ئىككى رايون»نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى، پۈتۈن بىر يىلدا «ئىككى رايون»نىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %67.5، %79.4 ئاشتى.

2023 - يىلى، بەدەل پورتىنى ئېچىۋېتىش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، غۇلجا ئاۋىياتسىيە پورتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تاشيول پورتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزىدىغان «يېشىل يول» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، سىناق رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىندى، بىر تۈركۈم باشلامچى كەسىپ تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

...

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. يېڭى باھار، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئاتلىنىش.

«مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ھەرقايسى بۆلەك رايونلار بىلەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتتۇق» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بايىنكىشىگ.

بۇ يىل، بورتالا ئوبلاستى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «بورتالا، ئالاتاۋ، جىڭ» «بورتالا، ئارشاڭ، سايرام كۆلى»دىن ئىبارەت ئىككى رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان دۆلەت مۇھىم ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق، ياغنى زاپاس ساقلاش - پىششىقلاش بازىسى، ئىمپورت قىلىنغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش - پىششىقلاش بازىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان بىلەن قەشقەردە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئۈچ تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى.

2023 - يىلى، جۇڭگو شىنجاڭ تەبىئىيلا دۇنيانىڭ «مېھمان كۈتۈش زالى»غا ئايلاندى. 390 تۈركۈمدە ھەرقايسى قىتئەلەردىن كەلگەن 4300 نەپەردىن ئارتۇق خەلقئارادىكى دوست مىڭلىغان تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىغا كەلدى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

2023 - يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلدى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى − تەيپىڭياڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ رايون باش ئىشتابى غۇلجا شەھىرىدە يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى.

«شىنجاڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، ئىنتايىن زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە بوشلۇقىغا ئىگە» دېدى فىرانسىيە لافارگې خولسىم گۇرۇھىنىڭ يەرشارىۋى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا مەسئۇل خادىمى ليۇ لىجيا.

سىنگاپور نەنياڭ خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خې پېي مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپى ئەۋزەللىكى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەشيا ئوبوروتى ئەۋزەللىكى ھەم ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى سەپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچىدە يەرشارىۋى باش ئىشتاب ئىقتىسادى تەسىس قىلىپ، توقۇمىچىلىق كەسپى بويىچە ئىلغار جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى ۋە سېتىش مەركىزى قۇرىمىز.

غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە چىقىرىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللار شىنجاڭغا توپلاندى، كەسىپلەر شىنجاڭغا يۆتكەلدى، كارخانىلار شىنجاڭغا مەبلەغ سالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ پۇرسىتى چەكسىز، ئىستىقبالى پارلاق.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.

«يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلار ۋە <ئاددىي ھەم گۈزەل> خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىمىز.» ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، غەربكە «چىقىرىش»نى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىمىز.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان تۇنجى يىل. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 2024 - يىللىق نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيلىشىش، يولغا قويۇلۇش نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كۆپەيتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان بىر تۈركۈم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە تىپىك مىساللارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.