تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىن كۈن تەرتىپى قاتارلىقلار بېكىتىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 181 كىشى، قاتناشقىنى 180 كىشى، قاتنىشالمىغىنى بىر كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئالدى بىلەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن مۇنداق بېكىتىلدى: بۇ قېتىمقى يىغىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر قېتىملىق يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ليۇ چى، ليۇ جۈنچېن، شىن چۇنيىڭ، لوۋ چىنجيەن، كۇڭ شاۋشۈن، ليۇ جيەنبونىڭ يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇشى قارار قىلىندى. يىغىندا لوۋ چىنجيەن قوشۇمچە يىغىن باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ يىغىن مەزگىلىدە تەكلىپ بېرىشىنى توختىتىش ۋاقتىنىڭ 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 12گىچە بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ۋەكىللەر يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار قىلىشىغا دوكلات قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.