تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى

− 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ، بۇ دەل كۈرەش قىلىدىغان پەيت. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پايتەختكە جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى، كىرىزىسنى تۈگىتىش، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا يېڭى پۇرسەت، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

70 يىل قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 70 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا، ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، شۇنداقلا خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان بىر تۈرلۈك ئۇلۇغۋار ئىش، جەزمەن ئومۇمىي خەلق ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلققە زىچ تايىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇشىمىز، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان پۈتمەس - تۈگىمەس ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرغاندا، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسەت - تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلغىلى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلغىلى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلغىلى بولىدۇ. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى. كەڭ ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.