تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش

ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2023 - يىلى شىنجاڭ ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى، بۇغداي، شالنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۇ بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، يېڭىدىن تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتىش، سىياسەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتتى.

بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 372 مىڭ موغا يېتىپ، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 20 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 21 مىليون 192 مىڭ توننىغا يەتتى. شىنجاڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تاماق قاچىسى»نى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش

تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم.

2023 - يىلى، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى 1 - دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەممىسىنى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىپ، دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىپ نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، ئىشەنچ قوشتى.

«شالغۇت بۇغداينىڭ ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئەۋزەللىكى ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىش غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى نامايان بولدى.» 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يەكەن ناھىيەسى باغئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغئاۋات يېزىسى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شورغا چىداملىق رايونلاردا سىناق قىلىش، شالغۇت بۇغداينىڭ يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، يۈرۈشلۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماس كېلىدىغان رايونلاردا كۆرگەزمە قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش، قوللىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، تاللاپ چىقىلغان شورغا چىداملىق شالغۇت بۇغداينىڭ يېڭى سورتى − «جىڭمەي 189»نىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى شورلۇق شارائىتتا يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە بەرپا قىلىنغان ئېتىزدا ئۇدا ئىككى يىل ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان مو بېشى ھوسۇلى 650 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ مۇجەسسەملەندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىدىن ئېشىپ كەتتى، ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتتى، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ئومۇمىي ھوسۇلدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ئېشىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يۆتكەشكە بولىدىغان ئاشلىق مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونىغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىرئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»تەك تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنە 1 مىليون توننا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 22 مىليون توننىدىن كەم بولماسلىقىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭ ئاشلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بۇغداي تېرىقچىلىقىدا مۇقىم بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ ئومۇمىي ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تايىنىپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، مول سېلىنلىق، ئورگانىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداينى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىدۇ. قوناق تېرىقچىلىقىدا كېڭەيتىش جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قوناق، ئۇرۇقلۇق قوناق ۋە كۆكباش قوناقنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئاشلىق ۋە يەم - خەشەككە تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەلا سۈپەتلىك قوناق ۋە سىلوس قونىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى باش ۋەزىپە قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاشلىق ھوسۇلى نىشان - ۋەزىپىسىنى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت، ئېتىزلارغىچە تەقسىملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىش، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك مالىيەنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقى كاپالىتىنى چىڭ كۆزلەش

تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىل، شۇنداقلا زۆرۈر ماددىي ئاساس. 2023 - يىلى، شىنجاڭ «سۇ، يەر» بايلىقى كاپالىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئورمان - ئوتلاق ۋە ۋادى باشقۇرۇش قاتارلىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان، سۇ ئىشلىتىدىغان تارماقلار دەريادىن كېلىدىغان سۇ، سۇ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان سۇ، يەر ئاستى سۈيى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى، 2 - نۆۋەت ھۆددە ئالغان يەرلەر، ئاساسىي ئېتىز ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، باشقا زىرائەتلەرگە ئېلاستىك تەقسىملەش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىشتىكى «ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، ئېلاستىك تەقسىملەش، تەڭشەپ ئىشلىتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يىللىق سۇغىرىش بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى بىرتۇتاش تۈزۈشكە تەشكىللىدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا، ھەرقايسى تارماقلار ئورۇنلاشتۇرۇش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، زىرائەتلەر بويىچە ئايرىپ، ناھىيە، شەھەرلەر بويىچە ئايرىپ، سۇغىرىش دەۋرىيلىكى بويىچە ئايرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش بويىچە سۇ ئىشلىتىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، بولۇپمۇ ئاشلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

2023 - يىلى، شىنجاڭدا ئاساسلىق دەريا - ئېقىنلارغا كەلگەن سۇ 2022 - يىلىدىكىدىن %10 ئازايغان ئەھۋالدا، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىشىنى تەمىنلىگەن سۇ 2022 - يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر كۆپ بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى دىققەتنى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن «تۆت 1 مىليون مو»لۇق ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى. مېخانىزم ئورنىتىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» «سۇغىرىش - ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قاتارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى، سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلىنى تەكشى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەمئىي 55 مىليون 580 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ %67.6ىنى ئىگىلىدى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، كۆپ قىسىم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈرى رايونىدا ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى %85تىن كۆپرەككە يەتتى. بەرپا قىلىنغاندىن كېيىنكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى %5تىن كۆپرەك ئاشتى، قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى %20تىن كۆپرەك ئاشتى، ئېتىزلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى مېي يۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شىنجاڭ سۇ بايلىقىغا مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋادى رايونى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سىستېمىلىق باشقۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت تۆت ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، يەر ئۈستى سۈيىدىن تولۇق پايدىلىنىش، سۇ ئامبىرى سۈيىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، يەر ئاستى سۈيىنى مۇۋاپىق ئېچىش ئارقىلىق، كۆپ نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا ئېلاستىك تەقسىملىنىدىغان سۇ مىقدارى بويىچە يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن يىلدا يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ 55 مىليارد كۇب مېتىردىن كەم بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدا رايون خاراكتېرلىك، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

پەن - تېخنىكا تىرىكىگە تايىنىپ بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار پەن - تېخنىكا تىرىكىگە تايىنىپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى سەۋىيەسىمۇ ماس قەدەمدە ئۆستى.

بۇلتۇر، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، نىشانلىق ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ رولىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ھەقىقىي جارى قىلدۇردى. يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكا ۋە يېتەكچى سورتلارنى تاللاپ تونۇشتۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئاشلىق زىرائىتى ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98تىن كۆپرەككە يەتتى، بۇغداي، قوناق تېرىقچىلىقىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان كۆلەم 26 مىليون مودىن ئېشىپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %67ىنى ئىگىلىدى، ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يەتتى.

«بۇغداينى يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ قوللىنىش بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.» پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باغئاۋات يېزىسى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى ھەم تۇپراق شارائىتىغا ئاساسەن، دائىملىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش + سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ تەشكىللەشتەك سۇغىرىش ئەندىزىسى ھەم توڭ ئېرىش پەيتىدە قوشۇمچە ئوغۇتلاشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى قوللىنىپ، تۇپراقنىڭ شورلىشىش خەۋپىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، يېزىدىكى 200 مو بۇغداي ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 676.68 كىلوگىرامغا يېتىپ، كۆرۈنەرلىك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل، باغئاۋات يېزىسى شورلۇق يەرلەردە شالغۇت بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويىدۇ. ھازىر بار بولغان تېخنىكىدىكى بوغما ھالەتكە قارىتا، شورغا چىداملىق شالغۇت بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىش ۋە ھوسۇلنى يېشىل ئاشۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شورلۇق يەرلەردە بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ھەم شورلۇق بۇغداي رايونىدا تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ھوسۇلنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

يېقىندا، شىنجاڭ يېقىنقى بەش يىلدا ئاشلىق ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 400 مىليون جىڭدىن يۇقىرى بولۇش ياكى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 300 مىڭ مودىن يۇقىرى بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنى بېكىتتى ھەم ئېلان قىلدى، زىرائەت سورتلىرىنى كېڭەيتىش كۆلىمى، ئېكولوگىيەگە ماسلىشىشچانلىقى، ھوسۇل قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىپادىسىگە ئاساسەن، يېتەكچى سورتلارنى تاللاپ چىقىپ، تېرىقچىلىق رايونى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق، ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار ئاشلىق تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنى 1 پىرسەنت پوئېنتتىن 1.5 پىرسەنت پوئېنتقىچە، قوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنى 2 پىرسەنت پوئېنتتىن 3 پىرسەنت پوئېنتقىچە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»نى ياخشى قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.