تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | دېڭ شىن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مەمەتنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ خەيشيا

   مەمەت رېھىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېڭ شىننى ئۇچراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى.

   دېڭ شىننى ئۇچراتقاندا، ئۇ قارام ھەم ئۇرۇشقاق بولۇپ، جېدەل تېرىپلا يۈرەرتتى. دېڭ شىن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، دېڭ شىن ئۇنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دېڭ شىن مېنىڭ ئۆمۈرلۈك قېرىندىشىم، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى».

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، دېڭ شىن (ئوڭدا) قېتىق زاۋۇتىغا مەمەت رېھىمنى يوقلاپ بېرىپ، زاۋۇتنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.   چېن خەييەن فوتوسى

چىن ھېسسىيات بىلەن يول باشلاپ، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەش

   20 يىلغا يېقىن قېرىنداشلىق مېھرى تىلغا ئېلىنسا، يېشى 50تىن ئاشقان مەمەت رېھىمغا نىسبەتەن ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ. مەمەت خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى يېڭى ئۈمىد مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، دېڭ شىن خەلق ساقچىسى. مەمەت مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغلاردا قوشنىلىرىم مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايتتى، دېڭ شىن مېنى توغرا يولغا باشلىدى».

    2005-يىلى، خېجىڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دېڭ شىن خېجىڭ بازىرى شاربۇلاق كەنتىدە بەزىلەرنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە تەھدىت سېلىپ قوغداش ھەققى ئالغانلىق يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالدى، تەھدىت سالغانلارنىڭ ئىچىدە مەمەتمۇ بار ئىدى. ساقچى خادىملىرىنىڭ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مەمەتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، دېڭ شىن ئەترەتنى باشلاپ بۇ شايكىنى بىر يولىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلدى.

   «مەمەت ئەسلى ئەسكى ئەمەس، ئەسكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان». دېڭ شىن مەمەتنى توغرا يولغا باشلاش نيىتىگە كەلدى. شۇ يىلدىن باشلاپ، دېڭ شىن مەمەتنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، مەمەتكە سەمىمىي ياردەم بەردى.

    دېڭ شىننىڭ مەمەت ئائىلىسىنىڭ ئائىلە يىغىنىغا قانچە قېتىم قاتناشقانلىقى ئېسىدە يوق. مەمەت خەت تونۇمايدۇ، بالىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ، دائىم ئائىلە زىددىيىتى يۈزبېرىدۇ. دېڭ شىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە كىشىلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدا سۆزلىدى، زىددىيەتلەر ھەل بولدى، مەمەت بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى، بۇرۇقتۇرما ئائىلىدە كۈلكە ساداسى ياڭرىدى.

   مەمەتنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قايتا ئۆيلىنىش ئىشىدا ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ پىكرى بىردەك بولمىغاچقا، تالاش-تارتىش ئۈزۈلمىدى. دېڭ شىن قائىدە سۆزلەپ، سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئائىلە زىددىيىتىنى ھەل قىلدى، مەمەتنىڭ دادىسى قايتا ئۆيلەندى.

ئىگىلىك تىكلىشىگە چىن قەلبىدىن ياردەم بېرىش-يۆلەش

   مەمەت دېڭ شىننىڭ يېتەكچىلىكىدە قېتىق ئۇيۇتۇپ، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يايما يېيىپ ساتتى. دەسلەپتە سورايدىغانلار كۆپ، سېتىۋالىدىغانلار ئاز، تىجارەت ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، مەمەت بەل قويۇۋەتمەكچى بولدى. دېڭ شىن مەمەتكە مەدەت بەردى: ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس، قېتىقنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسىلا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كىشىلەر ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاستا-ئاستا، مەمەت ئۇيۇتقان قېتىق كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، سودىسى ياخشىلاندى.

   2018-يىلى دېڭ شىن ھەم مەھەللىنىڭ ياردىمىدە، مەمەت خېجىڭ ناھىيەسى ئەيلىشىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇردى. 2021-يىلى 5-ئايدا، خېجىڭ ناھىيەسى ئەيلىشىڭ ئاق دەريا قېتىق زاۋۇتى قۇرۇلدى، مەمەتنىڭ ئىشلىرى توغرا ئىزغا چۈشۈشكە باشلىدى، قېتىق زاۋۇتى ئىلگىرىكى ئاران ئۈچ ئىشچى-خىزمەتچىسى بار كىچىك كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 11 نەپەر مۇقىم ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولدى، كۈندىلىك قېتىق  ئۇيۇتۇش مىقدارى 2000 كىلوگىرامغا يەتتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

    مەمەت ئۇيۇتقان قېتىق پۈتۈنلەي قولدا ئۇيۇتۇلغان بولۇپ، تەمى ساپ، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە، شۇڭا خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، مېھمانسارايلاردا بازار تاپتى، قېتىق قومۇل، تۇرپان، توقسۇن قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلدى. قېتىق زاۋۇتىنىڭ تەرەققىياتى سۈت كالىسى باققۇچى ئون نەچچە ئائىلىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

   «مەن ئائىلىمىزنىڭ چوڭى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىم كۆپ، ياخشى قېرىندىشىم دېڭ شىننىڭ ياردىمىدە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆت ئەۋلاد بىرگە ياشاشتەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، ھازىر، مېنىڭمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىم بار بولدى» دېدى مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

   مەمەت دېڭ شىننىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتماقچى بولغاندا، دېڭ شىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ماڭا رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، رەھمەتنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئېيتىڭ، شۇنداقلا بۇ دەۋرگە ئېيتىڭ، سىز جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ».

   شۇنىڭ بىلەن، مەمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى. 2021-يىلى، مەمەت 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، خېجىڭ ناھىيەلىك دېھقان-چارۋىچىلار تېخنىكا مەكتىپىدە ناۋايلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى؛ 2023-يىلى 6-ئايدا، خېجىڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى دېڭ شىننىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، خېجىڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش خېجىڭ ناھىيەسى ئەيلىشىڭ ئاق دەريا قېتىق زاۋۇتى بىلەن بىرلىكتە ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ناھىيەلىك مەركىزىي ساناتورىيەگە 30 يەشىك قېتىق ۋە كالا-قوي گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى، ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا 35 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 103 يۈرۈش كىيىم-كېچەك، ئاياغ قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلدى؛ ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەمەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، جەمئىي 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.

   بۈگۈنكى كۈندە، مەمەت قېتىق زاۋۇتىنى ئوغلى ئەلى مەمەتنىڭ يۈرۈشتۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئەلى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، 200 كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت بىناسى سېلىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىدى. نۆۋەتتە، خېجىڭ ناھىيەلىك ئەيلىشىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتى يەنە ياغ تارتىش ئۆيى، ناۋايخانا، تاللا بازىرى، تېز تاماقخانا قاتارلىقلارنى ئېچىپ، 200دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

   2023-يىلى، ئەلى مەمەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، بۇ يىل 1-ئايدا، خېجىڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

   دېڭ شىن مەمەت ئائىلىسىگە ھەمراھ بولۇپ 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى باشتىن كەچۈردى، بۈگۈنكى بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ، ئۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سەمىمىي بولۇپ، چىن كۆڭلىنى يەتكۈزگەندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.