چوڭ دوغداق تىلغا ئېلىنسا كۆپچىلىككە ئانچە تونۇش بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئۇچار قۇش. بۇ قۇشنىڭ يەر شارىدىكى تۈر توپىنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇنى ئۇچرىتىش پۇرسىتىمىز بار.
چوڭ دوغداق قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان جۇغى چوڭ قۇش بولۇپ، بەدىنى ھەيۋەتلىك، بوينى ئۇزۇن، شادىپاچاق، بېشى كىچىك، باش-بوي قىسمى سۇس كۈل رەڭ، چىرايلىق دەپ كەتكۈدەك تاشقى قىياپىتى يوق، كۈل رەڭ ۋە كاشتان قوڭۇر رەڭ ئاساسىي رەڭ بولغان پەيلىرى بار، بوينىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن دۈمبىسىگىچە قوڭۇر رەڭلىك ھەم روشەن قېنىق قوڭۇر رەڭلىك، قارا رەڭلىك توغرا داغلىرى بار، بەدەن شەكلى قىرغاۋۇلغا قارىغاندا قاۋۇل، ئۆرە تۇرغاندا تۇرنىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر سېرىق توپىلىق ئېتىزدا تۇرسا، ئاسان پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.
چوڭ دوغداق ئىنتايىن ھوشيار بولۇپ، باشقىلارنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى سەزسىلا دەرھال ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچار قۇش تۈرىنىڭ بىرى، ئەركىكىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىرغا، ئېغىرلىقى 10 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، چىشى قۇش ئەركىكىدىن خېلىلا كىچىك، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 3.5 كىلوگىرام بولۇپ، دۇنيادىكى ئەركەك قۇش بىلەن چىشى قۇشنىڭ بەدەن ئېغىرلىق پەرقى بىر قەدەر چوڭ قۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
چوڭ دوغداق قىش پەسلى ۋە كۆچۈش پەسلىدە دەريا، كۆل بويلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى قۇرغاق، نەم ئوتلاقلاردا پەيدا بولىدۇ. ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى، يۇمران بىخى، يۇمران ئوت-چۆپ ۋە ئۇرۇقى ھەمدە ھاشارات، چېكەتكە، پاقا قاتارلىق ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.
چوڭ دوغداق دى جيې فوتوسى
(ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى رەتلىگەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى