تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات | 2024-يىلى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىشنى دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.