تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى جاسارەت بىلەن ياخشى يەتكۈزىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاش پەيتىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2024 ـ يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى جاسارەت بىلەن ياخشى يەتكۈزۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، چوڭقۇر پىلانلىنىپ يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى لى يەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشتىن ـ ئاخىر تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈشتىكى مەركىزىي خىزمەت ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىشنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دەل جايىدا تەربىيەلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان بىر تۈركۈم ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ياش كادىرلارغا بولغان غەمخورلۇق ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» قابا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى «95 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» كادىر دوۋ جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: داشۆ ھويلىسىدىن چىقىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۆت يىل ئىش ئورنىدا چېنىقىش ئارقىلىق تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش ياش كادىرلارنىڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. بۇنىڭدىن كېيىن مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمگە قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەردىن ۋە تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولغان نەمۇنىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يۇقارقى چوغتال كەنتىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 29 ياشلىق ئىلھام توختىيۈسۈپ بوش ۋاقتى بولسىلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. «باش شۇجى: ئاڭلىق ھالدا ئىرادىدىن قايتماي خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ سۆز مېنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىمنى ئۇرغۇتتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەۋقەنى پۈتۈن كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يەرنى ئوبوروت قىلىش + بازىدا ئىشلەش» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، يەرلەرنى ئوبوروت قىلىمىز، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ جانلاندۇرىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىمىز.

«خۇددى باش شۇجىنىڭ ئېيتقىنىدەك، يېڭى مۇساپىدە ياش كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، ئىستىقبالى پارلاق.» تورغات تاموژنىسى تەكشۈرۈش 1 ـ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ساۋۇت نەبى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام تاموژنىسىدىكى ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، «ئاقىل تاموژنا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىمەن ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىمەن. بۇ يىل پورت «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئىسلاھات تەدبىرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، بىز كارخانىلارغا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېڭى ئەندىزىسى تەرتىپىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ شىن ئۇزاق مەزگىل قۇم ـ بورانلىق يەر شەكلى ۋە قۇم ـ بوران فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى، قۇملۇقتا دائىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا دۇچ كېلىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالاتتى، پەن تەتقىقات جەريانىدا يەنە يېڭىش تەس بولغان نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، لېكىن ئۇ باشتىن ـ ئاخىر ۋاز كەچمىدى. «باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، رازىمەنلىك بىلەن ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇش، قول كۆيىدىغان مەسىلىلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بۇ دەل ياش پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە پەزىلەت.» ئۇ مۇنداق دېدى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن تەتقىقاتنى كەسىپ قىلىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا يۈكسىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىپ، باشتىن ـ ئاخىر قايسى كەسىپنى قىلسا شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، شۇ كەسىپكە ماھىر بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان بوشاشماي كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولىمەن.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 1 ـ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دۇەن شىپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بىرىنچى سېپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «چۆكۈش شەكلى»دىكى نازارەتچىلىكنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەش، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، جاڭ لېي، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر يى جىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.