تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇشقۇن روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش

− شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

باھاردىكى ئۇچرىشىش، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

جۇشقۇن روھىي ھالەتنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئەندىزىسىنى ئېچىش، مەيلى ئۈرۈمچىدىكى مەركەزلىك يولغا چىقىدىغان جايدا، بېيجىڭغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا ياكى بېيجىڭدىكى ھەرقايسى تۇرۇشلۇق جايلاردا بولسۇن، شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىر دەقىقىمۇ ئارام ئالمىدى. ئۇلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، يىغىنغا قاتنىشىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدى. 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا بىر مەيدان «بۇلۇت تېرمىنالى» مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

«مەن ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تەييارلىدىم، سىلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى، پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمەن.» ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قان كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى مۇختەبەر ئابدۇل تەكلىپلىرىنى ئېلىپ، ئەزا مۇيەسسەر توختى، ئەزا گۇەن فاڭفاڭ ئولتۇرغان ئورۇننىڭ يېنىغا كېلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق دېدى.

مۇختەبەر ئابدۇل 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش خىزمىتى بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ كەلدى. ئۇ ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئېلىپ قېلىش، ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى.

«مېنىڭچە بۇ تەكلىپ ناھايىتى ياخشى بېرىلىپتۇ.» بىر چەتتە تۇرغان ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق قارىدى: كىرىم، ئۇنۋان، مۇھىت ھەم شەخسنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يار ـ يۆلەك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ قوللاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى ئېلىپ قالغىلى بولىدۇ.

3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ مىڭجۈن ياتاقتىكى كومپيۇتېر ئالدىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكلىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتاتتى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ليۇ مىڭجۈن تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەڭ يېزا ـ كەنت ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن قېتىم توپىلىق يەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقىدى.

«شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى 2 ـ چوڭ چارۋىچىلىق رايونى، 22 چارۋىچىلىق ناھىيەسى بار. نۆۋەتتە، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان كەسىپ تەرەققىياتى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى كەمچىل، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قاتارلىقلارنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.» ليۇ مىڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ، مەن بۇ يىل كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا.

تەكلىپلەردىكى ھەربىر سان، ھەربىر بايانغا قارىتا ليۇ مىڭجۈن ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولدى، قايتا ـ قايتا سېلىشتۇردى، سۈرۈشتۈردى، ئويلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەكلىپلەرگە مەسئۇل بولۇش سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پوزىتسىيەسى.

يەنە بىر تۇرۇشلۇق جايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى يۈكسەك شىجائەتنىڭ ياتىقى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىرنەچچە ئەزا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى.

«تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆيلىنىش ئۆرپ ـ ئادىتى ئىنتايىن مەنىلىك، تەرتىپ جەھەتتە جورا تاللاش، قۇدىلىشىش، چاي ئىچۈرۈش، داپ چېلىپ بەخت تىلەش، قىز كۆچۈرۈش، توي مۇراسىمى قاتارلىقلار بار، ھەربىر تەرتىپنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى بار. تاجىك مىللىتىنىڭ بۈركۈت نېيى ۋە بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ تارىخى ئۇزاق، تاجىك مىللىتى مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. مەن تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆيلىنىش ئۆرپ ـ ئادىتى قاتارلىقلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن دۇنيانى تاجىك مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن» دېدى يۈكسەك شىجائەت.

ھەربىر توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى، ھەربىر پارچە تەكلىپ، تەۋسىيە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەر ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتىمىزنى قوشۇپ، بۇ قېتىمقى «باھاردىكى ئۇچرىشىش»تا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.