تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىغىندىن بۇرۇن يېتەرلىك ئەجىر سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى نومۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇرۇش

− شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پۇختا تەييارلىق قىلىپ يەنە ياخشى تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى بەردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

پايتەختتە باھار كېلىپ، ھاۋا يەنە ئىللىدى، ھەممە بىرلىكتە «باھاردىكى ئۇچرىشىش»قا ئاتلاندى. 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن بېيجىڭغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىككى يىغىن ۋاقتى» ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلدى.

بىر يىل پۇختا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يېڭى ھاسىلاتلىرى ۋە تەپەككۇرلىرى ئارقىلىق تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ باردى. يىغىندا سۆز قىلىشقا تەييارلىق قىلىش، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، تەكلىپلەرنى پىششىقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈش... ئالدىراش ھەم ئەمەلىي بولغان يىغىندىن بۇرۇنقى خىزمەت جەريانىدا، ئۇلار تىرىشىپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى تېخىمۇ بېيىتتى، تېخىمۇ مەزمۇنغا ئىگە قىلدى.

3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ ۋېنشيۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ بولۇپ ياتىقىغا قايتىپ كېلىپلا، جىڭ ناھىيەسى چۈنپىن پاختا پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شۈ باۋچۇنگە تېلېفون قىلىپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپلىغان كارخانىلارنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋۇ ۋېنشيۇ بېيجىڭغا بېرىشتىن بۇرۇن، مەخسۇس ئەتراپتىكى چىگىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە سولياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ـ بازار كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىگىلىدى. «كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارغا ئېرىشىشنى، قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشلىرىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن. «پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخى تۆۋەنرەك بولسا، ئۈنۈمىمۇ ياخشىراق بولىدۇ، كەنتتىكى پاختىكارلار ئېرىشىدىغان ئەمەلىي نەپمۇ كۆپرەك بولىدۇ.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇۋاتقان كەنت كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، سولياۋ يوپۇقنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى كۆپ، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مەن كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپ بېرىمەن.

«يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈم ئېلىپ كەلگەن بەش تەكلىپنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمەن.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما يانەن بۇ يىل يەنىلا شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. بۇلتۇر، سانجى ئوبلاستى «10 مىڭ كالىنى سانجىغا كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللىتىش، ئالتە قوزا ئېلىش»تىن ئىبارەت گۆش قويىنى يۇقىرى زىچلىقتا كۆپەيتىش، كۆپ تۆللىتىپ كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ ئۆلچەملىشىش، كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. «بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ما يانەن.

3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇمەمەت ئوبۇل يىغىندىن كېيىنكى بوش ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن بىرنەچچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى تەكلىپ قىلىپ بىر يەرگە يىغدى، كۆپچىلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى. كۆرۈشۈش بىلەنلا ئابدۇمەمەت ئوبۇل خۇشال ھالدا كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى: «بۇلتۇر، كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يېقىن ئەتراپتىكى كەسىپ ـ شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىغا بېرىپ ئىشلىدى، بىر يىلدىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8تىن كۆپرەك ئاشتى».

بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرنەچچە ۋەكىل بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنى بەس ـ بەستە ماختىدى، ئابدۇمەمەت ئوبۇلنىڭ چېھرىدە مەمنۇنلۇق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش يەنىلا قانداق قىلىپ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشتىن ئىبارەت، «يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا، مەن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن».

«پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىمىز، ئەمما ئۆز خىزمىتىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.» تاموژنىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇزاقتىن بۇيان ئۆسۈملۈك كارانتىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى لەن سۆز قىلىشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىزچىل قىچا ئىمپورت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلاشتى. لى لەن ۋەكىللەرنىڭ كومپيۇتېردىكى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈۋاتقان تەكلىپىگە قاراپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا تاموژنا خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى سىنىقىغا ئۈزلۈكسىز يۈزلىنىش داۋامىدا، شىنجاڭنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشقا بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بەرگەن تەكلىپىم تېخىمۇ ئىشەنچكە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولدى».

بۇ يىل، لى لەننىڭ نەزەرى داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. «بۇ مېنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئۆز خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىمنىڭ يېڭى نەتىجىسى.» ئۇ بۇ گەپنى قىلىۋاتقاچ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.