تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇرسەتكە تولغان جۇڭگودا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ

− مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش پەيتىدە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئەجدىھا يىلىدىكى باھاردا، بىپايان جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىدىغان باھار پەسلىدىكى بىر مەيدان ھۇجۇم ۋەزىيىتى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى ـ سىرتى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋىنىدە باشلاندى.

بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما ـ تەدبىرلەر زىچ ئەمەلىيلىشىپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى... ھەرقايسى جايلار بەس ـ بەستە پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىقتىسادقا كۈچەپ، چىڭ تۇتۇپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

چۆكسىمۇ گەر بىر قېيىق، تىنىم تاپماي يۈرگەي مىڭى، يىقىلسا گەر بىر دەرەخ، كۆكلەر يەنە تۈمەن مىڭى.

خەلقئارا ۋەزىيەت كەسكىن، مۇرەككەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، قانداق قىلغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى باشلاپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئېنىق ئىچكى ئامىلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ ئىچكى ئامىلنى دەل جايىدا تېپىپ ھەم تولۇق ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئۆزگىرىش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرگىلى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، كۈنسايىن يېڭىلىغىلى بولىدۇ. تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئارقىسىدا، يۇقىرى ـ تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرىدىغان قەتئىي ئىرادە بار؛ ھەرقايسى جايلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان جانلىق ئەمەلىيەت بار. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭ تۆھپىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدىغان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش

2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 ـ پەسىللىك چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئوخشاش بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلدى. بىر مەيدان ئاز كۆرۈلىدىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى تېخى تولۇق ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى»نى ياڭراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىلىپ، چۈشتىن كېيىن قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا يېرىم ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى، بۇنىڭدا مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. نۆۋەتتە، 1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ بويىچە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 3900دىن ئارتۇق تۈردە ئىش باشلىنىپ، جەمئىي 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 1 ـ پەسىلدە 60 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئاساس سېلىندى، تەشەببۇسكارلىق قولغا كەلتۈرۈلدى.

2023 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇش، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش − تاشقى ئېنىقسىزلىقنى يېڭىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش، كۆمۈر ـ كۆمۈر ئېلېكتىر ـ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق ـ ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە ـ يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىدىن ئاشتى، ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئاشتى، پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، كان چارلاش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، %26.7 ئاشتى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇلدى.

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاش بۇ يىل شىنجاڭنىڭ «تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشى»دىكى ئاچقۇچ. يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتۈشى بىلەنلا، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى − قەشقەر خۇاديەن 660 × 2 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، شىنجاڭ جىڭخۇي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، كۇچا _ ئارال _ مارالبېشى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك 72 چوڭ تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

بۇ يىل، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ، كۆمۈرنى ئاساس، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش، قېزىلما بايلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپ بازىلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سىياسەت بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

«يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەش تەرەققىياتتىكى يۇمشاق، قاتتىق ئەمەلىي كۈچنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش

ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ، يېڭى ـ كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ، تېخنىكىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئىجادىي خاراكتېرلىك تەقسىملەش، كەسىپ تىپىنى چوڭقۇرلاپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سۈپەت ھالىتى بولۇپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە.

شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بايلىقنىڭ مول بولۇشى ئەلۋەتتە ئەۋزەللىك، لېكىن بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش ئۈچۈن، جەزمەن كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك.

1 ـ پەسىلدىكى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تايىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كارخانا تەرەققىياتىدىكى «زۆرۈر دەرسلىك» بولۇپ قالغان.

− جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، بۇ تۈردە كۇچا شەھىرىنىڭ مول قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىلىپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىلدى، ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل ھىدروگېن بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تاخې نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تەمىنلىدى، بۇ، نېفىت ئايرىش، پىششىقلاش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازدىن ھىدروگېن ئېلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن زامانىۋى نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش يېشىل ھىدروگېن بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

− شىنجاڭ جىنشۆچى پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار ئىمپۇلسلىق ماسلاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئاپتوماتىك قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، پۈتۈن ئاپتوماتىك مېخانىك قول ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن سەپلەپ، ماسلاشتۇرۇش، قاچىلاش، ئوراش، مال ئەۋەتىشتىن ئىبارەت بىر بېكەت شەكلىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مال تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە، كارخانا كۈنىگە 400 توننا سىلىقلاش مېيى ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىۋاتىدۇ.

− شىنجاڭ شەندى بىيوپەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ۋاكۇئۇملۇق قويۇلدۇرۇپ سۈت پاراشوكى ياساش ھۈنەر ـ سەنئىتىنى قوللىنىپ، تۆگە سۈتىنىڭ ئەڭ قىممىتى بار ئاكتىپ تەركىبىنى ساقلاپ قېلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن جەمئىي 2 مىليون يۈەنلىك زاكازنى قوبۇل قىلىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

...

بۇ ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەر شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول. بۇ يىل، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان «ئاساسىي قۇرۇلما»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ماتېرىيال، بىيودورا، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم زور پەن ـ تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى تېز يولغا قويۇپ، «گالنى بوغىدىغان» بىر تۈركۈم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى، دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئوخشاش مۇشۇنداق «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»كە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇل ئەسلىھە، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى «قاتتىق تىرەك»كىمۇ ئېھتىياجلىق.

بۇ يىل، شىنجاڭ كۆپ مەنبەلىك ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى تۆمۈريول تورى، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى، قاتناش قولايلاشقان تاشيول تورى، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا تۇتاشتۇرۇلغان چېگرا ھالقىغان تور، ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان ۋە سىرتقا يەتكۈزىلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تورى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭ يەنە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھاتنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش

3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قەشقەر، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف ۋە ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆجىزىسىدىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى پۈتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرلەرنى يولغا قويدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى زورايتتى، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى سەپ»كە ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش، بازار ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

بۇلتۇر، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ھەرقايسى بۆلەك رايونلار ئەمەلىي ئىشلەش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى، ھەرقايسى تارماقلار ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كونكرېت ۋەزىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشقا تېز تۈرتكە بولدى.

بۇلۇتتا ساقلاش كەسىپلەر باغچىسى تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خەلقئارا يولۇچى توشۇش بويىچە 2 ـ نۆۋەتچى ئاپتوبۇس لىنىيەسى ئېچىلدى، ئۈرۈمچى ـ ئالمۇتا قەرەللىك خەلقئارا پۈتۈن يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى غەيرەتكە تولدى، خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن بۇيان، سىجىل تۈردە كەسىپ تەرەققىياتى، تۈگۈن قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتكە مەركەزلىك كۈچەپ، تىجارەت سۇبيېكتى ۋە سېلىنما سوممىسىدا بىردەك بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش ھالىتى بىلەن قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى. قورغاس شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا باجغا ئالاقىدار كەسىپلەر، كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، قورغاس بۆلەك رايونى مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى قاتارلىق 55 كۆزنەك مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار تەدبىرلەر سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن كېيىنكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ بايلىقى بىرىكتۈرۈلۈپ بەرپا قىلىنغان شىنجاڭ بويىچە نۆۋەتچى پويىزلارنى بىرتۇتاش يولغا سېلىش سۇپىسىدىكى «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 108 قېتىم قاتناپ، سودا سوممىسىنىڭ 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش يولىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىدىكى ئۆرنەك رايون قىلىپ بەرپا قىلىدۇ. شىنجاڭ يەنە تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «باشلامچى»لىرىدىن بولىدۇ.

قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئىچىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش داۋامىدا نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش. 2024 ـ يىلى، كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، جۇڭگو پۇرسىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. ھالبۇكى پۇرسەتكە تولغان جۇڭگودا، پۇختا قەدەم تاشلايدىغان، تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇچرىشىشىغا ئورتاق ئاتلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.