تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

زۇمرەت ئوبۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يىغىننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىندا زۇمرەت ئوبۇل شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى.

يىغىندا 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىن قارالمىسى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرى ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مۇزاكىرە قىلىپ، قاراپ چىقىپ، قاراپ چىقىش، سۆز قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش جەريانىنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يىغىن ئىنتىزامى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى قاتارلىق تۈرلۈك ئىنتىزام تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئېسىل ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.